2008/07/15

ئوتتۇرا ئاسىيا ماتېماتىكلىرى(1)

ئوتتۇرا ئاسىيا ماتېماتىكلىرى(1)


بەختى ھېيتنىڭ «ئارخىمېددىن ئېيلېرگىچە» ناملىق كىتاۋىدىن ئېلىندى.

ماتېماتىكىنىڭ تەرەققىيات تارىخىدا، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە يېقىن شەرقتىكى ماتېماتىكا ئالىملىرى ئۆچمەس تۆھپىلەرنى ياراتتى. كېيىنكى ياۋروپا ماتېماتىكلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئەسەرلىرىدە، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە يېقىن شەرق ماتېماتىكلىرىنىڭ يەكۈنلىرى ۋە نەتىجىلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ چىقىش نۇقتىسى قىلدى، بولۇپمۇ ياۋروپالىقلار ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە يېقىن شەرقتىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ تەرجىمە ئەسەرلىرى ئارقىلىقلا قەدىمقى گرېك ۋە ھىندى ئالىملىرىنىڭ ئەسەرلىرى بىلەن تونۇشتى. ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە يېقىن شەرقتىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئىلىم پەندىكى گۈللىنىش دەۋرى، ئىرامىزنىڭ 7-ئەسىردىن 15-ئەسىرگىچە بولغان ئۇزۇن بىر جەرياننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 7-ئەسىردىن باشلاپ، ئەرەپ يېرىم ئارىلىدا ياشاۋاتقان ھەرقايسى ئەرەپ دۆلەتلىرى كېڭەيمىچىلىك قىلىپ ئۆزلىرىنىڭ نۇرغۇنلىغان قوشنا دۆلەتلىرىنى ئىشغال قىلىپ، ئەرەپ خەلىپىلىكىنى تەشكىل قىلىدۇ. ئەرەپ خەلىپىلىكى بۇرۇنقى ئەرەپ دۆلەتلىرىنىلا ئۆز ئىچىگە ئېلىپ قالماستىن، بەلكى پەلەستىن، سۈرىيە، ئوتتۇرا ئاسىيا، مىسوپوتامىيە، پارس، كافكازىيە، شىمالىي ھىندىستان، مىسىر ۋە شىمالىي ئافرىقا قاتارلىق كەڭ زىمىننى ئۆ ئىچىگە ئالدى. خەلىپە دۆلەتلەرنىڭ مەركىزى دەسلەپ دەمەشق (شام) شەھىرى بولغان ئىدى. 8-ئەسىرگە كەلگەندە، قەدىمقى بابىل، ئاسۇرىيە دۆلىتىنىڭ يېنىدىلا يېڭىدىن باغدات شەھىرى قۇرۇلۇپ، مەركەز باغداتقا كۆچۈرۈپ كېلىندى. شۇنىڭ بىلەن باغدات ئەرەپ دۇنياسىنىڭ، جۈملىدىن پۈتۈن دۇنيانىڭ مەدەنىيەت مەركىزى بولۇپ قالدى. ئەينى ۋاقىتتا ئەرەپ خەلىپىلىكىدىكى نۇرغۇن مىللەتلەر ئەرەپ يېزىقىنى ئاساس قىلغانلىقى ئۈچۈن، شۇ ۋاقىتتا يېزىلغان نۇرغۇن ئەسەرلەر بەزى تارىخشۇناسلار تەرىپىدىن خاتا ھالدا ئەرەپلەرنىڭ ئەسەرلىرى دەپ ھۆكۈم قىلىۋېتىلگەن ئىدى.
9-ئەسىردە ياشىغان ماتېماتىك ۋە ئاسترونوم مۇھەممەت ئىبنى مۇسا ئەل خارەزىمى (8-ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمى---- 830-يىل ۋە 840-يىللار ئەتراپىدا ياشىغان)، ئەرەپ خەلىپىلىكى دەۋرىدە ياشىغان ئوتتۇرا ئاسىيا مىللەتلىرى ئىچىدىن يېتىشىپ چىققان ئەڭ داڭلىق ئالىم ئىدى. ئەل خارەزىمى خارەزىم شەھىرىدە تۇغۇلغان بولۇپ، كېيىنچىرەك ئاتاقلىق ماتېماتىك سۈپىتىدە خەلىپە تەرىپىدىن تەكلىپ قىلىنىپ باغداتتا ياشىغان. ئۇ باغداتتا ياشىغان دەۋرلىرىدە گرېك ۋە ھىندىلارنىڭ ترىگونومېترىيىلىك فۇنكسىيىلەر قىممەت جەدىۋىلىدىن پايدىلىنىپ، ترىگونۇمېترىيىلىك فۇنكسىيىلەرنىڭ قىممەت جەدىۋىلىنى تۈزۈپ چىقتى. ئۇنىڭ ئارىفمېتىكا ۋە ئالگېبرا ساھەسىدىكى ئەسەرلىرى، ماتېماتىكىنىڭ تەرەققىياتىدا ئەڭ چوڭ قىممەتكە ئىگە. ئۇنىڭ ئالگېبرا ساھەسىدىكى ئەسەرلىرىنى ماتېماتىكا تارىخىدامۇھىم رول ئوينىدى دەپ ئېيتالىشىمىزدىكى سەۋەپ، ئۇنىڭ بۇ ئەسىرى لاتىنچىغا تەرجىمە قىلىنىپ ياۋروپادا ئۇزۇن بىر مەزگىل مۇھىم ئوقۇتۇش قورالى سۈپىتىدە ئىشلىتىلگەن ئىدى. ئەل خارەزىمى ئىجات قىلغان ئالگېبرا، ئۆزىنىڭ ئىدىيىۋىي قۇرۇلمىسى جەھەتتىمۇ گرېك ئالگېبراسىدىن پەرق قىلاتتى. ئۇنىڭ بۇ ئەسىرىدە ئالگېبرالىق بىلىملەرنى ئەمەلىيەتكە تەدبىقلاش مۇھىم مەقسەت قىلىنغان ئىدى. ئۇنىڭ ئەسىرى ئاددىيلا مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۇسۇللىرى بولماستىن، بەلكى ئۇنىڭدا بەلگىلىك نەزەرىيىۋىي ئاساسلار بايان قىلىنغان بولۇپ، بۇ نەزەرىيىلەرنى قوللىنىش ھەم ئۇلارنى گېئومېترىيىلىك ئۇسۇللاردىن پايدىلىنىپ شەرھىلەشنىڭ نۇرغۇن قائىدىلىرى كۆرسىتىلگەن. ھەتتا بۇ يېڭى ئىلىمنىڭ «ئالگېبرا» دەپ ئاتىلىشىدىمۇ ئەل خارەزىمىنىڭ چۈشەندۈرۈشلىرىنى ئۆزىنىڭ مەنبەسى قىلغان. بۇ نام ئۇنىڭ «ئەسلىگە قايتۇرۇش» (ئال جەبېر) ئەمىلى دېگەن سۆزدىن ئېلىنغان.
ئەل خارەزىمىنىڭ ئارىفمېتىكىلىق ئەسەرلىرىدىن پەقەت ئۇنىڭ لاتىنچە تەرجىمىسىلا ھازىرغىچە ساقلىنىپ قالغان.
ئۇنىڭدىن باشقا شۇ دەۋرلەردە ياشىغان ۋە ماتېماتىكا، ئاسترونومىيە قاتارلىق پەنلەرگە ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە يېقىن شەرق ئالىملىرىنىڭ قاتارىدا ئەل خارەزىمىدىن كېيىنلا ياشىغان مەشھۇر پەيلاسوپ ئەل فارابى (870 ــــ 950) نى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ ئۆتۈشكە ئەرزىيدۇ. ئۇ 10-ئەسىردىكى ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئىلىم پەن ۋە پەلسەپىسىنىڭ تەرەققىياتىدا ناھايىتى زور رول ئوينىغان. ئۇ پەلسەپە ۋە باشقا پەنلەر جەھەتتىن ئارىستوتىل ئىدىيىسىنىڭ مىراسخورى ۋە تەرغىباتچىسى بولۇپ، ئۆز زامانداشلىرى تەرىپىدىن «ئارىستوتىل Ⅱ« دەپ ئاتالغان ئىدى. فارابى ئارىستوتىلنىڭ ماتېماتىكا جەھەتتىكى دەسلەپكى ئۇقۇم ئىدىيىسىگە بەكمۇ ھەۋەس بىلەن بېرىلگەن ئىدى. ئۇ مۇشۇ ھەۋەس ئاساسىدا ئېۋكلىدنىڭ «گېئومېترىيە ئاساسلىرى» نى تەتقىق قىلغان ھەمدە «ئېۋكلىد ئەسەرلىرىنىڭ Ⅰ ۋە Ⅴ توملىرىنىڭ كىرىشىدىكى قىيىن نۇقتىلارغا ئىزاھ» نى يازغان. ئۇ بۇ ئەسىرىدە ئارىستوتىلنى قوغلاشقان ھالدا گېئومېترىيىلىك ئۇقۇملارنىڭ ئابىستىراكىتلىقى ھەققىدىكى ئىدىيىسىنى ئېنىق ئەكس ئەتتۈرگەن.فارابى ئۆز زامانىسىدىكى ئىلىم پەننىڭ ھەممە ساھەسىگە قىزىققان ۋە بۇلارنى بىر-بىرسى بىلەن باغلانغان ھالدا تەتقىق قىلىشقا ئادەتلەنگەن. ئۇنىڭ ھازىرغىچە ساقلىنىپ قالغان ئەسەرلىرى 160 پارچىدىن كۆپرەك بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ ئەسەرلىرىدە ھەرقايسى ئىلىم پەن ساھەلىرىنىڭ ئۆزئارا مۇكەممەل باغلىنىشى گەۋدىلىك ھالدا ئىپادىلىنىدۇ. بولۇپمۇ ئۇ باشقا نۇرغۇن ساھەلەرنى گېئومېترىيىلىك شەكىللەر ۋە ئۇلارنىڭ قانۇنىيەتلىرى بىلەن باغلاشقا ترىشقان. بۇ ئەھۋالنى ئۇنىڭ تۆۋەندىكى ئىككى مىسرا شېئىرىدىن ئېنىق كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ:
ئۆگىنەي دېسەڭ ئىلىمنى، بولاي دېسەڭ بىلىملىك،
ئەندىسەت① بولغاي ساڭا بەكمۇ روشەن ئۇقۇملۇق.
(ئەندىسەت ــــ ئەرەپچە سۆز بولۇپ، گېئومېترىيە دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. ــ تەھرىردىن).
ئۇ يورۇقلۇقنىڭ، ئاۋازنىڭ مېخانىكىلىق بىرلىكى ۋە قانۇنىيەتلىرىنى گېئومېترىيىلىك سىزىقلار ئارقىلىق ناھايىتى ئېنىق تەسۋىرلەپ بەردى. بولۇپمۇ يۇرۇقلۇق ۋە ئاۋازنىڭ چۈشۈش ۋە قايتىش قانۇنىنى، ئەينەك تەكشىلىكىدىكى سەممېتىرىك ھەركەت دەپ، جۇغلانما نۇرنىڭ تارقىلىشىنى پارابولا سىزىقىنىڭ ئوپتىكىلىق خۇسۇسىيەتلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ چۈشەندۈردى. ئۇ ھەتتا چالغۇ ئەسۋاپلىرى ۋە مۇزىكا ساھەلىرىدىمۇ گېئومېترىيىدىن پايدىلىنىشقا تىرىشتى. ئۇ، ئەگەر چالغۇ ئەسۋاپلىرىنىڭ تارىنى (قىل ياكى سىم ) گېئومېترىيىلىك تۈز سىزىق دەپ قارىغاندا، ئۇنىڭ پەدىلىرى شۇ تۈز سىزىقنىڭ ئۈندەشلىك ئۆلچىمى بولغۇسى دېگەن كۆز قاراشنى تەرغىپ قىلاتتى.ئۇنىڭدىن باشقا فارابى ئىرراتسىئونال سانلار ساھىسىدىمۇ نۇرغۇن تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بارغان.
(داۋامى بار)

0 پارچە ئىنكاس بار: