2008/07/13

بلوگ ھەققىدە

بلوگ ھەققىدە

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۆھتىرەم تورداش، بلوگىمغا قەدەم تەشرىپ قىلغىنىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمەن. تارىم بلوگى ماتېماتىكا بىلىملىرىنى ئاساس قىلغان، ماتېماتىكا، كومپيۇتېر ۋە تارىخ ھەققىدىكى ئۇنۋېرسال بلوگ. ماتېماتىكا كۈندىن كۈنگە ئۆزىنىڭ مۇھىملىقىنى نەمايەن قىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، ماتېماتىكا ھەققىدىكى ئۇيغۇرچە پايدىلىنىش ماتېرىياللىرىنىڭ كەمچىل بولۇشى، ئۇيغۇر مىللىي مائارىپىنىڭ يۈكسىلىشىدىكى زور توسالغۇ بولماقتا. مەن مۇشۇ نۇقتىنى چىقىش قىلىپ، ئۇيغۇر ياش ئۆسمۈرلىرىنىڭ ماتېماتىكا جەھەتتىكى تەشنالىقىنى بىر ئاز بولسىمۇ قاندۇرۇش مەقسىدىدە بۇ بلوگنى قۇرۇپ چىقتىم. بلوگدىكى مەزمۇنلارنىڭ كۆپىنچىسى ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80- ۋە 90-يىللىرى ئۇيغۇر تىلىدا نەشر قىلىنغان كىتاپلاردىن ئېلىنغان، قالغىنى ئۆزۈمنىڭ ئۇزۇن يىللىق ماتېماتىكا ئوقۇتۇشى جەريانىدا توپلىغان تەجىربىلىرىمنىڭ يەكۈنىدۇر. بلوگىمنى كەڭ ياش ئۆسمۈرلەرنىڭ ياخشى ياردەمچىسى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تورداشلارنىڭ قىزغىن قوللاپ بېرىشىنى ئۈمىت قىلىمەن.

0 پارچە ئىنكاس بار: