2009/02/05

كەسىر چېكىتىنىڭ پۈتۈن سان ئوردىسىنى قالايمىقان قىلىشى (2)

ئاپتورى: لى يۈپېي
تەرجىمان: رىشات ھەسەن
(باش قىسمىنى ئالدىنقى تېمىدىن ئوقۇڭ)
بۇ ئاۋاز چىقىشى بىلەن 39- سەكرەپ كىرىپ كەلدى. كەسىر چېكىتى «ۋىژ.....» ژىدە قىلىپ 3 بىلەن 9 نىڭ ئارىلىقىغا كىرىۋېلىۋىدى، 39- نىڭ گەۋدىسى دەرھال يۇقۇرىغا قاراپ بىرمۇنچە ئۇزىراپ 3.9- غا ئايلىنىپ قالدى.ـــــ مەن 39- نى 3.9- غا ئۆزگەرتتىم. مەنپى سانلارنىڭ مۇتلەق قىممىتى قانچىلىك كىچىك بولسا، ئۇلارنىڭ سانلىق قىممىتى شۇنچە چوڭ بولىدىغانلىقىغا ئاساسەن، مەن بىر ساننى چوڭايتىۋەتمىدىممۇ؟ مەن مۇسبەت پۈتۈن سانلارنى كىچىكلىتىپلا قالماستىن، مەنپى پۈتۈن سانلارنى چوڭايتالايمەن ــــ دېدى كەسىر چېكىتى.
ـــ بىر ئادەمنىڭ ئىككى خىللا ماھارىتى بولسا، ئۇنىڭ ماھارىتىنى ئۈستۈن، قالتىس دېگىلى بولمايدۇ. سېنىڭ يەنە قانداق ماھارەتلىرىڭ بار؟ ــــــ دەپ سورىدى 8.
ـــ مەن كامالەتكە يەتكەن ماھارىتىمنى تېخى كۆرسەتمىدىم، قاراپ تۇرغىن! ــــــ دېدى كەسىر چېكىتى بېشىنى لىڭشىتىپ قويۇپ، شۇنىڭدىن كېيىن كەسىر چېكىتى بىر سەكرىۋىدى، بىر چېكىت دەرھال ئىككى چېكىتكە ئايلاندى. بۇ چاغدا 4 سانى دۆلەت ئىشلىرىدىن مەلۇمات بېرىش ئۈچۈن ئوردىغا كىرىپ كەلدى، بۇنى كۆرگەن كەسىر چېكىتى «ھەجەپمۇ ياخشى كەلدىڭ» دېدى- دە، چېكىتلەرنىڭ بىرسى 4 نىڭ ئالدىدا تۇرىۋالدى، يەنە بىرسى 4 نىڭ بېشىغا سەكرەپ چىقىۋالدى. شۇنىڭ بىلەن 4 سانى گە ئۆزگىرىپ قالدى. بۇنىڭ بىلەن ئاجايىپ بىر ھادىسە يۈز بەردى، 4 سانى خۇددى ئەپسۇن ئوقۇغاندەك بىرسى ئىككى، ئىككىسى تۆت بولۇپ ئۆزگىرىپ رەتلىك بىر قاتار بولۇپ تىزىلدى ۋە 0.444444……… گە ئۆزگىرىپ ئوردىنىڭ سىرتىغىچە چىقىپ چەكسىز ئۇزۇنغا سوزۇلۇپ كەتتى.
بىر ئازدىن كېيىن كەسىر چېكىتى تىن ئاجراپ كېتىۋىدى، 4 يەنە ئەسلىگە كېلىپ قالدى.
ــــ پادىشاھ ئالىيلىرى، كەسىر چېكىتىنىڭ ھازىرلا كۆرسەتكەن ھىلىسىدىن قارىغاندا، بىزنىڭ بۇ ئەلدە پەقەت بىرلا سان كەسىر چېكىتىنىڭ ئەپسۇنىدىن قورقمايدىغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ كەسىر چېكىتىنى تۇتالايدىغانلىقىنى بايقاپ قالدىم ـــ دېدى 8 نۆل پادىشاھقا قاراپ.
ــــ ئۇ كىم؟ ــــ دەپ سورىدى0 پادىشاھ ئالدىغىراق ئىگىلىپ تۇرۇپ.
ـــ سىلى پادىشاھ ئالىيلىرى ــــ دەپ جاۋاپ بەردى 8.
ــــ مەن؟ مەن نىمىشكە كەسىر چېكىتىنىڭ ئەپسۇنىدىن قورقمايدىكەنمەن؟ ـــــ دەپ سورىدى پادىشاھ ھەيران بولغان قىياپەتتە.
ــــ كەسىر چېكىتى مۇسبەت پۈتۈن ساننىڭ ئالدىدا تۇرسا، مۇسبەت پۈتۈن سان كىچىكلەپ كېتىدىكەن؛ كەسىر چېكىتى مەنپى پۈتۈن سانلارنىڭ ئارىسىدا تۇرسا، مەنپى پۈتۈن سانلار چوڭىيىپ كېتىدىكەن. پەقەت مۇسبەت سانمۇ بولمىغان، مەنپى سانمۇ بولمىغان بىردىن بىرى سىلى 0 نىڭ ئالدىدا تۇرسا، ئۆزگىرىش بولمايدىكەن. چۈنكى 0.0 يەنىلا 0 گە تەڭ بولىدۇ- دە ــــ دەپ جاۋاپ بەردى 8.
ـــ كەسىر چېكىتى مېنىڭ بېشىمغا سەكرەپ چىقىۋالسا قانداق قىلىمەن؟ ــــ دەپ سورىدى 0 پادىشاھ ئۆزىنىڭ بېشىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ.
ـــ ئۇنىڭمۇ ھىچقانداق كارايىتى يوق، چۈنكى بولۇپ، نەتىجە يەنىلا 0 گە تەڭ. سىلى يەنىلا ئۆز پىتى قېلىۋېرىلا. ھىچقانداق زىيان- زەخمەت بولمايدۇ. كەسىر چېكىتى سىلىنىڭ ئۈستىلىرىدە ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرالمايدۇ. ئەگەر شەخسەن ئۆزلىرى ئۇنى تۇتقىلى چىقسىلا، جەزمەن نەتىجە قازىنالايدىلا ـــ دېدى 8.كەسىر چېكىتى بىر چەتتە تۇرۇپ، 0 پادىشاھنىڭ ئۆزىنى قولغا چۈشۈرەلەيدىغانلىقىنى ئاڭلاپ ئىنتايىن قورقۇپ كېتىپ، 8 نىڭ سۆزى تۈگىمەي تۇرۇپلا غىپلا قىلىپ پادىشاھنىڭ تەختىنىڭ ئاستىدىن قېچىپ كەتتى.
تولۇق ئوقۇش

2009/02/01

كەسىر چېكىتىنىڭ پۈتۈن سان ئوردىسىنى قالايمىقان قىلىشى (1)

ئاپتورى: لى يۈپېي
تەرجىمان: رىشات ھەسەن
تاغنىڭ ئۇ تەرىپىدە پۈتۈن سان پادىشاھلىقى ھۆكۈم سۈرەتتى. بۇ پادىشاھلىقتا پادىشاھ، باش مىنىستىر، ۋە باش قوماندانلار بار ئىدى. ئۇنىڭ پادىشاھى سېمىزرەك 0 سانى، باش مىنىستىرى پاكار بويلۇق 1- ، قوماندانى ئورۇق ئىگىز بويلۇق 1 ئىدى.بۈگۈن يېڭى يىل، شۇنداقلا نۆل پادىشاھنىڭ 1981 ياشقا كىرگەن كۈنى ئىدى.

0 پادىشاھ قاچان تۇغۇلغان بولغىيدى؟ ئۇ مىلادىنىڭ 1-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى سائەت 0 دىن 0 مىنۇت 0 سېكۇنت ئۆتكەندە تۇغۇلغان. توي ئۈستىگە توي بولۇپ مەمۇرى ۋە ھەربى ئەمەلدارلارنىڭ ھەممىسى پادىشاھ ئوردىسىغا كېلىپ تەبرىكلەشتى.
ئوردىنىڭ ئىچى ۋە سىرتىغا رەڭگارەڭ چىراقلار ئېسىلغان بولۇپ، 0 پادىشاھنىڭ ئىگىز تەختىگە چىقىپ ئولتۇرغانلىقى كۆرۈنۈپ تۇراتتى. ئوردا دەرۋازىسىنىڭ سىرتىدا تەبرىكلەش قوشۇنلىرى ئىككى قاتار بولۇپ رەتلىك تىزىلغان ئىدى. بۇ قاتارلارنىڭ بىرى باش مىنىستىر 1- باشچىلىقىدىكى مەمۇرى ئەمەلدارلار بولۇپ، ئۇنىڭ ئارقىسىغا 2-، 3-، 4-، ....... لەر تىزىلغان ئىدى ۋە ئۇلارنىڭ بويلىرى بىرسىدىن بىرسى پاكار ئىدى. يەنە بىر قاتاردىكىلەر باش قوماندان 1 نىڭ باشچىلىقىدىقى ھەربى ئەمەلدارلار بولۇپ، ئۇنىڭ ئارقىسىغا 2، 3، 4، ....... لەر قاتار بولۇپ تىزىلغان ۋە ئۇلارنىڭ بويلىرى بىرسىدىن بىرسى ئىگىز ئىدى. بۇ ئىككى تەبرىكلەش قوشۇنى ناھايىتى ئۇزۇن سوزۇلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئاخىرىغا كۆز يەتكۈزگىلى بولمايتتى.
زەمبىرەكنىڭ 3 قېتىم ئېتىلىشى بىلەن تەبرىكلەش مۇراسىمى باشلاندى. 0 پادىشاھنىڭ تەختىنىڭ ئاستىدىن توساتتىن قاپقارا، دۈپ-دۈگىلەك بىر نىمە ئۆمىلەپ چىقتى. بۇنى كۆرگەن باش قوماندان دەرھال قىلىچىى چىقىرىپ يۈگۈرۈپ ئالدىغا كېلىپ:
ـــ بۇ مۇراسىمنى قالايمىقان قىلىشقا پېتىنغان قايسىڭ؟ ــــ دەپ ۋاقىرىدى.
ـــ نىمە بولدى، مېنىمۇ تونىماي قالدىلىمۇ؟ مەن نامى مەشھۇر (ئونلۇق) كەسىر چېكىتى بولىمەن ـــ دەپ سالماقلىق بىلەن جاۋاب بەردى ھېلىقى شۇمتەك.
ــــ سەن نىمە قىلغىلى كەلدىڭ؟ ــــ دەپ سورىدى باش قوماندان.
ـــ مەن تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتناشقىلى كەلدىم، مېنىمۇ تەبرىكلەش قوشۇنىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويغان بولسىڭىز، بۇ قىزىق تاماشىنى كۆرسەم دىۋىدىم ــــ دەپ جاۋاپ بەردى كەسىر چېكىتى.
باش قوماندان 1 كەسىر چېكىتىنىڭ تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتناشماقچى ئىكەنلىكىنى 0 پادىشاھقا خەۋەر قىلىپ ئۇنىڭدىن ئىجازەت سورىدى.
ـــــ سېنىمۇ بۇ قوشۇنغا ئورۇنلاشتۇرىمىزمۇ؟ ــــ دەپ سۆز باشلىدى 0 پادىشاھ، كەسىر چېكىتىگە مەڭسىتمىگەن ھالدا قاراپ قويۇپ ــــــ بۇ قانداق بولىدۇ؟ بىزنىڭ پۈتۈن سان پادىشاھلىقىمىز تەشكىلىنىڭ چىڭلىقى، قاتار تىزىلىشىنىڭ رەتلىكلىكى، تەرتىۋىنىڭ روشەنلىكى بىلەن دۇنيادا داڭ چىقارغان. قارىغىنا ئوردىنىڭ سىرتىدىكى بۇ ئۇزۇن سوزۇلغان تەبرىكلەش قوشۇنىدا، مەمۇرى ئەمەلدارلار باش مىنىستىر 1- دىن باشلىنىپ، كەينىدىكى ھەر بىر مەمۇرى ئەمەلدار ئۆزىنىڭ ئالدىدىكىسىدىن بىرسى كىچىك؛ ھەربى ئەمەلدارلار باش قوماندان 1 دىن باشلىنىپ، كەينىدىكى ھەر بىر ھەربى ئەمەلدار ئۆزىنىڭ ئالدىدىكىسىدىن بىرسى چوڭ. بۇ يەردە بىرمۇ بوش ئورۇن يوق، سېنى نەگە قويىمىز؟
ــــ ئادىل پادىشاھ! ـــ دەپ يالۋۇرۇشقا باشلىدى كەسىر چېكىتى ـــ قاراڭا مېنىڭ بېشىم كىچىككىنە تۇرسا، مېنى خالىغان بىر يەرگە تىقىپ قويسىڭىز بولىۋېرىدىغۇ!
ـــ بولمايدۇ! ــــ دېدى 0 پادىشاھ بېشىنى چايقاپ ــ سەن بۇ يەردىن تېزرەك كېتىپ قالغىن، بىزنىڭ تەبرىكلەش مۇراسىمىمىزنى كېچىكتۈرۈپ قويمىغىن.
0 پادىشاھنىڭ بۇ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن، كەسىر چېكىتىنىڭ چىرايى دەرھال ئۆزگىرىپ، ۋاقىراپ:
ــــ نىمە؟ چىرايلىق سۆزلەر بىلەن سىزگە مەسلىھەت سالسام ئۇنىمىدىڭىز، ئەمدى مېنى يۈز خاتىرە قىلمىدى دەپ ئاغرىنماڭ. ئەمدى مەن سىلەرنىڭ تەرتىۋىڭلارنى ئوڭتەي- توڭتەي قىلىۋېتىپ، سىلەرگە ئۆزۈمنىڭ كارامىتىنى كۆرسىتىپ قوياي ـــ دېدى.
0 پادىشاھ بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ دەرغەزەپكە كېلىپ، ئوردىنىڭ سىرتىغا قاراپ:
ــــ كىم ماڭا بۇ كەسىر چېكىتىنى تۇتۇپ بېرىدۇ ـــ دەپ ۋاقىرىدى. پادىشاھنىڭ سۆزى تۈگىشى بىلەن 5 سانى سىرتتىن سەكرەپ ئوردىغا كىرىپ قولىنى سوزۇپ كەسىر چېكىتىنى تۇتماقچى بولدى. بۇ چاغدا كەسىر چېكىتىنىڭ ئالدىرىماستىن 5 نىڭ ئالدىغا كېلىپ تايانغانلىقىلا كۆرۈنۈپ قالدى- دە، «ۋىژ....» قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭلا 5 دەرھال ئۆزىنىڭ ئوندىن بىرىچىلىك بولۇپ كىچىكلەپ 0.5 كە ئايلىنىپ قالدى.
0 پادىشاھ بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ، سىرتقا قاراپ:
ــــ چوڭراق بىرىڭلار كېلىپ، تېزدىن ماڭا ئۇنى تۇتۇپ بېرىڭلار ــــ دەپ ۋاقىرىدى.
سىرتتىن گۈس- گۈس قىلىپ گەۋدىلىك ۋە بوي تۇرقى تاغدىنمۇ ئىگىز بولغان بىرسى كىرىپ كەلدى، ئۇ 6600000 يەنى 6 مىليۇن 6 يۈزمىڭ ئىدى.
6600000 يۇقۇرى ئاۋازدا:
ــــ كەسىر چېكىتى، سەن نەگە قاچىسەن؟ ــــ دەپ ۋاقىرىدى- دە، يۈگرەپ كېلىپ كەسىر چېكىتىنى تۇتماقچى بولدى. (ئونلۇق) كەسىر چېكىتى بۇ چوڭ مەخلۇقنىڭ ئالدىدا ھىچقانداق تەپ تارتماستىن، كىچىككىنە كۆزلىرىنى ئوينىتىپ، يېڭى ھۈنەر كۆرسىتىشكە باشلىدى. ئۇنىڭ پادىشاھ تەختىگە سەكرەپ چىقىپ 0 پادىشاھنى تۇتۇپ 6600000 نىڭ ئالدىغا ئىتتىرگەنلىكى ۋە ئۆزىنىڭ پادىشاھنىڭ ئالدىدا تۇرىۋالغانلىقى كۆرۈندى- دە، «ۋىژ....» قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ زور گەۋدىلىك 6600000 دەرھال كىچىك ئورۇندۇقتىنمۇ پاكارلاپ 0.066 گە ئايلىنىپ قالدى.
ــــ كەسىر چېكىتىنى كىم تۇتالايدۇ؟ مەن ئۇنى بەگلىك مەرتىۋىسىگە ئۆستۈرىمەن! ــــ دەپ قاتتىق ۋاقىرىدى چىرايى ئۆزگەرگەن 0 پادىشاھ. بۇ چاغدا سىرتتىن ئالدىرىماي- تېنىمەي بوغما قاپاق سىياقىدىكى بىرسى كىرىپ كەلدى. ئۇ 8 ئىدى.
ـــــ پادىشاھ ئالىيلىرى ــ دەپ سۆز باشلىدى 8 نۆل پادىشاھقا باش قويۇپ سالام بەرگەندىن كېيىن ــــ مېنىڭچە كەسىر چېكىتىنى تۇتۇشتا كۈچ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ، بەلكى پەم ئىشلىتىشكىلا توغرا كېلىدۇ.
ــــ ئۇنداق بولسا سەن سىناپ كۆر ـــ دېدى 0 پادىشاھ ماقۇللىغاندەك بېشىنى لىڭشىتىپ تۇرۇپ.
ــــ ياخشى، ياخشى ــــ دەپ ئويلىدى بىر چەتتە تۇرۇپ بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ تۇرغان كەسىر چېكىتى ۋە خۇرسەن بولغان ھالدا ــــ مەن سېنىڭ مېنى قانداق پەم بىلەن تۇتۇشۇڭنى كۆرۈپ باققىم بار.
ــــ كەسىر چېكىتى ــــ دەپ سۆز باشلىدى 8، كەسىر چېكىتىگە قاراپ قولىنى قوشتۇرۇپ تۇرۇپ ــــ مەن ھېلىلا سىلىنىڭ ماھارەتلىرىنى كۆردۈم، ھەقىقەتەنمۇ ئاددىي ئىش ئەمەسكەن. لېكىن سىلى بىر ساننى كىچىكلىتىشنىلا بىلىدىكەنلا، 5 نى 0.5 كە، 6600000 نى 0.066 گە ئۆزگەرتىپ قويدىلا. بىلمىدىم جاناپلىرىنىڭ يەنە قانداق ماھارىتى باركىن؟
ـــ مېنى بىرەر ساننى كىچىكلىتىشنىلا بىلىدىكەنسەن دەۋاتامسەن؟ ـــ دېدى بۇ سۆزلەرنى ئاڭلىغان كەسىر چېكىتى كۈلۈمسىرەپ قويۇپ ـــ مەنپى ساندىن بىرنى چاقىرىپ كىرگىن.
(داۋامى بار)
تولۇق ئوقۇش

2009/01/25

ئاتاقلىق ماتېماتىك خۇا لوگېڭ

خۇا لوگېڭ 1910-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى جياڭسۇ ئۆلكىسى جىنتەن (金坛) ناھىيىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇنىڭ دادىسى كىچىك چەرچىن مال دۇكىنى ئاچاتتى. ئائىلىسى نامرات ئىدى.1924-يىلى خۇا لوگېڭ تولۇقسىز ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، شاڭخەي جوڭخۇا كەسپى مەكتىۋى (上海中华职业学校) گە ئىمتىھان بېرىپ كىرگەن. ئوقۇشقا كىرىپ ئۇزۇن ئۆتمەي ئوقۇش خىراجىتى تاپشۇرالمىغىنى ئۈچۈن، ئوقۇشتىن مەھرۇم قېلىپ، دادىسىنىڭ كىچىك دۇكىنىغا ياردەملەشكەن ئىدى. ئۇ ماتېماتىكىنى ئىنتايىن قىزغىن سۆيگەنلىكى ئۈچۈن، پۇكەينىڭ بىر تەرىپىدە ھېساب دەپتىرى، چوتلارنى قويغان بولسا، يەنە بىر تەرىپىدە ماتېماتىكا كىتابىنى قويۇپ، بۇ سۆزلىيەلمەيدىغان ئوقۇتقۇچى ـــــ كىتابنى ئۆزىگە ئۇستاز تۇتۇپ ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرغان ئىدى. ئۇ ھەر كۈنى تەخمىنەن 10 سائەت ۋاقىتنى ماتېماتىكىنى تەتقىق قىلىشقا بېرەتتى. ئۇ كېچىچە ئۆگىنىپ، تاڭ ئاتارغا يېقىن ئۆگەنگەن ماتېماتىكىلىق قىيىن مەسىلىلەردىن خاتىرە يازاتتى.

دادىسى، ئۇ ئۆگىنىۋاتقان ماتېماتىكا كىتابلىرىنى بىلمىگەچكە ئوغلۇم «ئىلاھىي كىتاپ» كۆرۈۋاتىدۇ دەپ تونۇيتتى. دادىسى خۇا لوگېنغا: «ئادەمنىڭ ھاياتى دۇنياغا بىرلا كېلىدۇ، ئەڭ مۇھىم مەسىلە تاماق يېيىش. سەن خېرىدارلارنى ئوبدان قارشى ئېلىپ كۆپرەك مال ساتقىن. كىتابقا ئۆلگىدەك ئېسىلىۋالما» دېگەن ئىدى. كېيىن دادىسى ئوغلىنىڭ تىرىشچانلىق بىلەن ئۆگىنىۋاتقانلىقىنى بىلىپ تەسىرلىنىپ «ئىلاھىي كىتاب» نى ئوقۇشنى چەكلىمىگەن ئىدى.
خۇا لوگېڭ 19 يېشىدا بىر مەكتەپكە بېرىپ ياردەمچى بوغالتىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدۇ. ئۇ ئەينى زاماندىكى جاپا مۇشەققەتلىك تۇرمۇشىنى ئەسلەپ مۇنداق دېگەن: «مەكتەپتىكى ئېغىر لاۋازىمەتلىك ۋەزىپىسىدىن باشقا، ئەتىگىنى ئاخشىمى يەنە ئاتامنىڭ كىچىك دۇكىنىنىڭ ئىشلىرىغا ياردەم بېرىمەن، ھەر كۈنى ئاخشىمى تەخمىنەن سائەت 8 دە ئۆيگە قايتىمەن، دۇكاننىڭ ھېسابلىرىنى رەتلەپ بولۇپ، ئاندىن يېرىم كېچىگىچە ماتېماتىكىنى تەتقىق قىلىمەن».
1929-يىلى 12-ئايدا خۇا لوگېڭ شاڭخەي «ئىلىم پەن» ژورنىلىدا «Sturm تېئورىمىسى ھەققىدە تەتقىقات» (Sturm氏定理之研究) دېگەن تۇنجى ماقالىسىنى ئېلان قىلغان.
1930-يىلى 12-ئايدا خۇا لوگېڭ يەنە «ئىلم پەن» ژورنىلىنىڭ 15-توم 2-سانىدا «سۇ جياگو ئالگېبراسىدىكى 5-دەرىجىلىك تەڭلىمىلەرنى يېشىش ئۇسۇلىنىڭ قۇرۇلماسلىق سەۋەبى» دېگەن ماقالىسىنى ئېلان قىلدى. مۇشۇ ۋاقىتتا جىنتەندە يۇقۇملۇق كېزىك تارقالغان ئىدى. خۇا لوگېڭ بەختكە قارشى كېسەل بولۇپ قېلىپ، سول پۇت سۆڭىكىنىڭ شەكلى ئۆزگىرىپ مېيىپ بولۇپ قالدى. ئۇ كېسەللىك ۋە تۇرمۇشنىڭ قىيىنچىلىق ئازابى ئىچىدە ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىشنى بوشاشتۇرماستىن، يەنە بىر قانچە ماتېماتىكىلىق ماقالىنى ئېلان قىلدى. خۇا لوگېڭنىڭ بۇ تەسىرلىك ئىش پائالىيەتلىرى چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى ماتېماتىكا فاكۇلتىتىنىڭ مۇدىرى پروفېسسور شيۇڭ چىڭلەينىڭ دىققەت ئېتىبارىنى قوزغىغان ئىدى. 1931-يىلى كۈزدە شيۇڭ چىڭلەينىڭ تەكلىپ قىلىشى بىلەن خۇا لوگېڭ چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىغا كېلىپ كۈتۈپخانا باشقۇرغۇچىسى بولدى. ئۇ شۇنىڭدىن كېيىنكى 6 يېرىم يىلدا ئاسان قولغا كەلمىگەن بۇ پۇرسەتنى قەدىرلەپ، تولۇق ئوتتۇرا ۋە ئالىي مەكتەپنىڭ بارلىق دەرسلىكلىرىنى ئۆزلۈكىدىن ئوقۇپ تۈگەتتى. ئېنگىلىز، فرانسۇز ۋە گېرمان تىللىرىنى ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىپ، بۇ 3 تىلدا 10 نەچچە پارچە ماقالە ئېلان قىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە 5 پارچە ماقالىسى ئامېرىكا، گېرمانىيە، ياپونىيە، ھىندىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ نوپۇزلۇق ژورناللىرىدا ئېلان قىلىندى. ئۇ 1934-يىلى جوڭخۇا مەدەنىيەت مائارىپ فوندى جەمىيىتىنىڭ تەتقىقاتچىسى بولدى.
1935-يىلىدىن 1936-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا فرانسىيىلىك مەشھۇر ماتېماتىك J.Hadamart بىلەن ئامېرىكىلىق مەشھۇر ماتېماتىك N.Wiener چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىغا كېلىپ لېكسىيە سۆزلىدى. خۇا لوگېڭ ئۇلارنىڭ لېكسىيىسىدىن ناھايىتى زور نەپكە ئېرىشتى. N.Wiener خۇا لوگېڭغا ناھايىتى قايىل بولۇپ، ئۇنى كامبرىژ ئۇنىۋېرسىتېتى (University of Cambridge) دىكى مەشھۇر ماتېماتىك G.H.Hardy غا تونۇشتۇردى.
1936-يىلى يازدا ئاللىقاچان داڭلىق ماتېماتىكقا ئايلانغان خۇا لوگېڭ بىر زىيارەتچى ئوقۇغۇچى سالاھىيىتى بىلەن ئەنگىلىيە كامبرىژ ئۇنىۋېرسىتېتىغا بېرىپ ناھايىتى ئەھمىيەتلىك 2 يىلنى ئۆتكۈزدى. بۇ مەزگىلدە ئۇ نۇرغۇن ماقالە ئېلان قىلدى. بۇ ماقالىلارنىڭ كۆپىنچىسى «دۆۋىلەنگەن سانلار نەزىرىيىسى» (堆垒数论又称加性数论) مەسىلىلىرى ھەققىدىكى ماقالىلار ئىدى. (دۆۋىلەنگەن سانلار نەزىرىيىسىگە قىزىقسىڭىز http://www.google.com/ غا كىرىپ 堆垒数论 دەپ يېزىپ ئىزدەڭ). ئۇ يەنە گائۇس (Johann Carl Friedrich Gauss ) ئوتتۇرىغا قويغان تولۇق ترىگونومېترىيىلىك يىغىندىنى مۆلچەرلەش ھەققىدىكى تارىخى مەسىلىنى تەلتۆكۈس ھەل قىلىپ، پۈتۈن دۇنيانى زىل-زىلىگە كەلتۈرىۋەتتى. ئۇ يەنە ماترىتسالار گېئومېترىيىسى ۋە كۆپ ئارگۇمېنتلىق كومپلېكس ئۆزگەرگۈچى فۇنكىتسىيىلەر نەزىرىيىسىنى تەتقىق قىلدى.
ياپونغا قارشى ئۇرۇش پارتلىغاندىن كېيىن، ئۇ كۈچلۈك ۋەتەنپەرۋەرلىك قىزغىنلىقى بىلەن 1938-يىلى ۋەتەنگە قايتىپ، غەربىي جەنۇپ بىرلەشمە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفىسسورى بولدى. ئۇ مۇشۇ مەزگىلدە ناھايىتى جاپالىق شارائىتتا 600 مىڭ خەتلىك مەشھۇر ئەسىرى «تۈپ سانلار نەزىرىيىسى» نى يېزىپ چىقتى. ئۇ بۇ ئەسىرىنى دۆلەت ئىچىدە نەشر قىلدۇرۇشقا ئىمكانىيەت بولماي، سوۋېت ئىتتىپاقىدا رۇس تىلىدا نەشر قىلدۇردى.
1946-يىلى كۈزدە ئۇ ئامېرىكا پرىنسېتون(Princeton) ئالىي ئىنىستىتۇتى (美国普林斯顿高等研究院) نىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، ئامېرىكىغا بېرىپ تەتقىقات ۋە ئوقۇتۇش بىلەن شۇغۇللاندى. 2 يىلدىن كېيىن ئۇ ئىللىنوئىس ئۇنىۋېرسىتېتى (University of Illinois) نىڭ ئۆمۈرلۈك پروفىسسورلىقىغا تەكلىپ قىلىندى. بۇ مەزگىلدە ئامېرىكا ئۇنىڭغا 6 ئېغىز ئۆي، 4 نەپەر ياردەمچى، 1 نەپەر ماشىنىست بەرگەن ئىدى.
دۆلىتىمىز ئازات بولغاندىن كېيىن خۇا لوگېڭ ئامېرىكىدىكى باياشات تۇرمۇشتىن ۋاز كېچىپ، 1950-يىل 1-ئاينىڭ 27-كۈنى ۋەتەنگە قايتىپ كېلىدۇ، 3-ئاينىڭ 16-كۈنى بېيجىڭغا يېتىپ كېلىپ، چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفىسسورلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. ئۇ يېڭى جوڭگۇ قۇرۇلغاندىن كېيىن 1- بولۇپ ۋەتەنگە قايتقان دۇنياۋى داڭلىق ئالىم.
1956-يىلى ئۇنىڭ «تىپىك سەھەدىكى كۆپ ئارگۇمېنتلىق كومپلېكس ئۆزگەرگۈچى فۇنكىتسىيىلەر نەزىرىيىسى» (典型域上的多元复变数函数论) دېگەن ماقالىسى 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى. ئۇ جوڭگۇنىڭ «ئانالىتىك سانلار نەزىرىيىسى»، «تىپىك گۇرۇپپا نەزىرىيىسى»، «ماترىتسالىق گېئومېترىيە» قاتارلىق كۆپلىگەن ساھەلەردىكى تەتقىقاتىنىڭ ئاساس سالغۇچىسى. ئۇنىڭ «تۈپ سانلار نەزىرىيىسى»، «سانلار نەزىرىيىسىگە كىرىش»، «بىر تۇتاش پىلانلاش ئىلمى»، «ئەڭ ئۈنۈملۈكىنى تاللاش ئۇسۇلى» قاتارلىق مۇھىم ئەسەرلىرى بار.
خۇا لوگېڭ ئىلگىرى ئاخىر بولۇپ چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى ماتېماتىكا فاكۇلتېتىنىڭ مۇدىرى، جوڭگۇ پەنلەر ئاكادىمىيىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، جوڭگۇ پەن تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، جوڭگۇ ماتېماتىكا ئىلمىي جەمىيىتىنىڭ باشلىقى، دۆلەتلىك ئىلمىي ئۇنۋان كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، جوڭگۇ دېموكىراتىيە ئىتتىپاقى مەركىزى كومىتېتىنىڭ دائىمىي ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسى كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ دائىمىي ھەيئىتى قاتارلىق مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. ئۇ يەنە ئامېرىكا دۆلەتلىك پەنلەر ئاكادىمىيىسىنىڭ چەتئەللىك ئاكادىمىكى، 3-دۇنيا پەنلەر ئاكادىمىيىسىنىڭ ئاكادىمىكى، فىدىراتىپ گېرمانىيە باۋارىيە پەنلەر ئاكادىمىيىسىنىڭ ئاكادىمىكى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. 1979-يىلى ئۇ فرانسىيىنى زىيارەت قىلغاندا فرانسىيە نەنسى ئۇنىۋېرسىتېتى (南锡大学Université Nancy) ئۇنىڭغا «دوكتۇر» لۇق ئۇنۋانى بەرگەن.
خۇا لوگېڭ 1985-يىلى 6-ئايدا تەكلىپكە بىنائەن ياپونىيىگە لېكسىيە سۆزلەشكە بارغان، 6-ئاينىڭ 12-كۈنى تۇيۇقسىز يۈرەك كېسىلى قوزغىلىپ قېلىپ، 74 يېشىدا توكيودا ئالەمدىن ئۆتكەن.
خۇا لوگېڭ ئۆزى ئۆگىنىپ يېتىشىپ چىققان تىپىك ئۈلگىدۇر. ئۇ ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىش تەجىربىسىنى مۇنداق 7 نۇقتىغا يىغىنچاقلايدۇ:
1. ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىشتىكى ئەقەللىي بىر ماددا راستچىل بولۇشتۇر.
2. ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىشتە جىددىي پىلان بولۇشى كېرەك.
3. ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىشتە كۆپ ئويلاش، كۆپ مەشق قىلىش كېرەك.
4. ئۆلۈكىدىن ئۆگىنىشتىكى مۇشەققەتلىك قىيىنچىلىقلارنى ئۇزۇن مۇددەتكىچە يېڭىش ئىرادىسى بولۇشى كېرەك.
5. ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىشتە مۇھىم نۇقتىنى چىڭ تۇتۇپ، قىيىن نۇقتىنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، نۇقتىدىن دائىرىگە كېڭەيتىش كېرەك.
6. ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىشتە «نىمە ئۈچۈن؟» دېگەن سۇئالنى ئۈزمەستىن قويۇپ تۇرۇش كېرەك.
7. ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىشتە، ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىشنى ئەمەلىيەتتە ئۆز خىزمىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئېلىپ بېرىشى كېرەك.



پايدىلانغان مەنبە: «ئارخېمىدتىن ئەيلېرگىچە» ناملىق كىتاپ ----- ئاپتورى: بەختى ھېيت.
http://www.archives.ynu.edu.cn/ReadNews.asp?NewsID=717
http://hi.baidu.com/xtwqxx/blog/item/5a1675389805ae2296ddd80e.html
تولۇق ئوقۇش

2009/01/20

توققۇز بابلىق ئارىفمېتىكا 九章算术

ھېسابلاش دەستۇرىغا ئائىت 10 كىتابنىڭ بىرى. مەملىكىتىمىزدە ھازىرغىچە ساقلىنىپ كېلىۋاتقان ماتېماتىكىغا ئائىت ئەڭ قەدىمقى كىلاسسىك ئەسەرلەرنىڭ بىرى. بۇ كىتابتا ئالدىنقى چىن سۇلالىسىدىن تارتىپ تاكى شەرقىي خەن سۇلالىسىغىچە بولغان ماتېماتىكىلىق نەتىجىلەر سېستىمىلىق ھالدا يەكۈنلەنگەن، كۆپ قېتىم تولۇقلانغان، بولۇپمۇ غەربىي خەن سۇلالىسى دەۋرىدە، ئۇنى نۇرغۇن كىشىلەر تولۇقلىغان. مىلادى 1-ئەسىرگە كەلگەندە، ھازىرقى تارقىلىپ يۈرگەن مەزمۇنلار بۇ كىتابتا بار ئىدى. بۇ كىتاب جەمئىي 9 بابقا بۆلۈنگەن بولۇپ،
1-بابتا، ئاددىي كەسىرلەر ئۈستىدىكى تۆت ئەمەل ۋە تەكشىلىكتىكى شەكىللەرنىڭ يۈزىنى تېپىش؛ 2-بابتا، ئاشلىق ئالماشتۇرۇش جەريانىدىكى ھېسابلاش ئۇسۇللىرى؛ 3-بابتا، تاناسىپلىق تەقسىملەش ئۈستىدىكى ھېسابلاش؛ 4-بابتا، كۋادرات يىلتىز ۋە كۇب يىلتىز چىقىرىش؛ 5-بابتا، ستېرېئو شەكىللەرنىڭ ھەجمىنى ھېسابلاش؛ 6-بابتا، ئاشلىق ترانسپورتىنى باشقۇرۇشتىكى ھېسابلاش؛ 7-بابتا، پايدا-زىيان قاتارلىق مەسىلىلەرنى ھېسابلاش ھەمدە بۇ خىل ئۇسۇل بىلەن ھەل قىلىنىدىغان باشقا تىپتىكى ئارىفمېتىكىلىق مەسىلىلەر سۆزلەنگەن. 8-بابى تەڭلىمە بولۇپ، بىرىنچى دەرىجىلىك تەڭلىمىلەر سېستىمىسىنى يېشىش ۋە مۇسبەت، مەنپى سانلار ئۇسۇلى ھەققىدە؛ 9-بابتا، گوگۇ تېئورېمىسىنىڭ تەدبىقى ۋە ئاددىي ئۆلچەش مەسىلىلىرىنى يېشىش تونۇشتۇرۇلغان. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى مەنپى سان، ئاددىي كەسىرلەرنى ھېسابلاش، بىرىنچى دەرىجىلىك تەڭلىمىلەر سېستىمىسىنى يېشىش قاتارلىقلار دۇنياۋىي ئەھمىيەتكە ئىگە نەتىجىلەردۇر. بۇ كىتابقا ليۇ خۇي (刘徽) ۋە تاڭ دەۋرىدىكى لى چۈنفېڭ(李淳风) قاتارلىقلار ئىزاھ يازغان. بۇ كىتاب قەدىمقى داڭلىق ماتېماتىكا ئەسەرلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، كۆپ خىل تىللارغا تەرجىمە قىلىنغان.
تولۇق ئوقۇش

2009/01/15

ئالگېبرا

ئالگېبرا [代数] ماتېماتىكىنىڭ بىر تارمىقى. ئۇنىڭدا ئالگېبرالىق ئەمەللەرنىڭ ئومۇمىي ھاللىرى مۇلاھىزە قىلىنىدۇ. ئوبىكتىپ ئەمەلىيەتنىڭ ئېھتىياجى تۈپەيلىدىن سان ۋە سان ئۈستىدىكى ئەمەللەرنىڭ قانۇنىيەتلىرى، خۇسۇسىيەتلىرى بايقالغاندىن كېيىن، يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا سانلار ھەرپلەر ئارقىلىق ئىپادىلەندى ھەمدە سان ۋە ھەرپلەر ئارىسىدىكى ئەمەللەر قانۇنىيەتلىرى ئۈستىدىكى مۇھاكىمىلەر تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتى. شۇنىڭ بىلەن ئەمەلىيەتتىكى نۇرغۇن مەسىلىلەرنى ئالگېبرالىق تەڭلىمىلەرگە ياكى ئالگېبرالىق تەڭلىمىلەر سېستىمىلىرىغا يىغىنچاقلاشقا مۇمكىنچىلىك تۇغۇلدى. قەدىمقى ئالگېبرا تەڭلىمىلەر ۋە تەڭلىمىلەر سېستىمىسىنى يېشىش مەسىلىلىرىگە ئەگىشىپ تەرەققىي قىلغان.
مەملىكىتىمىزدە 7-ئەسىردىلا ئۈچىنچى دەرىجىلىك تەڭلىمىلەرنىڭ تەخمىنىي يېشىمىنى تېپىش ئۇسۇللىرى تېپىلغان، 13-ئەسىرگە كەلگەندە چىن جيۇشاۋ يۇقۇرى دەرىجىلىك تەڭلىمىلەرنىڭ تەخمىنىي يېشىمىنى تېپىش ئۇسۇللىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ياۋروپادا 16-ئەسىرگە كەلگەندە، ئاندىن ئۈچىنچى ۋە تۆتىنچى دەرىجىلىك تەڭلىمىلەرنى يېشىشنىڭ ئومۇمىي ئۇسۇللىرى بايقالدى. 18-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا گائۇس ئالگېبرانىڭ ئاساسىي تېئورىمىسىنى ئىسپاتلاپ چىقتى. 19-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، ئابېل ئومۇمىي كۆرۈنۈشتىكى بەشىنچى دەرىجىلىك ئالگېبرالىق تەڭلىمىلەرنى يىلتىزلىق ئىپادىلەردىن پايدىلىنىپ يېشىشكە بولمايدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ چىقتى، بۇنىڭ ئارقىسىدىنلا گالۇۋا ئالگېبرالىق تەڭلىمىلەرنى يىلتىزلىق ئىپادىلەردىن پايدىلىنىپ يېشىشنىڭ مۇمكىنلىكىگە ھۆكۈم قىلىش مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى، شۇنىڭ بىلەن قەدىمقى ئالگېبرانىڭ مەزمۇنلىرىنى بېيىتتى. ئىشلەپچىقىرىش ۋە پەن تېخنىكىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئالگېبرانىڭ ئوبىكتى ساندىن ۋېكتور ۋە ماترىسسا قاتارلىقلارغا كېڭەيدى. شۇنىڭ بىلەن، ئالگېبرالىق ئەمەللەرنىڭ يەنىمۇ ئومۇمىي بولغان قانۇنىيەتلىرى ۋە خۇسۇسىيەتلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش ھازىرقى زامان ئالگېبراسىنىڭ مۇھىم نىشانى بولۇپ قالدى، بۇ گۇرۇپپا، ھالقا، مەيدان، كاتەكچە، ۋېكتورلۇق بوشلۇق قاتارلىقلارنىڭ خۇسۇسىيەتلىرى ۋە تۈزۈلۈشىنى ئۆزىنىڭ مەزمۇنى قىلغان ھازىرقى زامان ئالگېبراسى (ئابىستراكىت ئالگېبرا) نىڭ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولدى. شۇنىڭ بىلەن، گۇرۇپپىلار نەزەرىيىسى، ھالقا نەزەرىيىسى، گالوۋا نەزەرىيىسى، كاتەكچىلەر نەزەرىيىسى، سىزىقلىق ئالگېبرا قاتارلىق نۇرغۇن تارماقلار شەكىللەندى. ئالگېبرا ماتېماتىكىلىق ئانالىز، گېئومېترىيە، فىزىكا قاتارلىق پەنلەردە كەڭ قوللىنىلىدۇ. ئۇ يەنە ماتېماتىكىنىڭ باشقا تارماقلىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈلگەندىن كېيىن، ماتېماتىكىنىڭ ئالگېبرالىق گېئومېترىيە، ئالگېبرالىق سانلار نەزەرىيىسى، ئالگېبرالىق توپولوگىيە، توپولوگىيىلىك گۇرۇپپا قاتارلىق يېڭى تارماقلىرى پەيدا بولدى. تولۇق ئوقۇش

2008/11/06

ئۇيغۇر تىلى

ئاپتورى: ئابدۇرېھىم زۇنۇن

بىل شۇنى ، ئۇيغۇر ئۈچۈن پۈتمەس گۆھەر ئۇيغۇر تىلى ،
مەڭگۈ پاتماس زەر قۇياش ، نۇرلۇق قەمەر ئۇيغۇر تىلى ،
بىپايان تىل كۆكىدە چولپان ، ئۈكەر ئۇيغۇر تىلى ،
مەنىلەرگە باي ، تېرەندۇر شۇ قەدەر ئۇيغۇر تىلى ،
بولدى تارىختىن بېرى بىزگە پەدەر ئۇيغۇر تىلى .

ئانا تىل ھەردەم قوۋۇم - مىللەت ئۈچۈن روھ تۈۋرۈكى ،
ئانا تىل پەن - مەرىپەت ئالماشتۇرۇشنىڭ كۆۋرۈكى ،
ئانا تىل چوڭ-كىچىكنىڭ يۈرىكى ، تاغ يۆلىكى ،
ئانا تىل ۋاستە - قۇرال ئالاقىدە قەلىب ئەينىكى ،
بىزنى قۇچتۇرغان جىمى ئىشتا زەپەر ئۇيغۇر تىلى.

پەنگە ئاشىق - بىقارار قىلدى مېنى دىلبەر تىلىم ،
تارتتى رايىمنى ئۆزىگە ھەرقاچان ئەنبەر تىلىم ،
ئەلگە دىل رىشتىمنى چاتتى بال - شېكەر ، كەۋسەر تىلىم ،
بولدى ئەل دۈشمەنلىرگە تىغ - تەبەر ، نەشتەر تىلىم ،
ھەممىمىزنى قىلدى دائىم بەھرىۋەر ئۇيغۇر تىلى .

«ئا» بىلەن كىردى ئېغىزغا ، تىل - زۇۋانغا مەڭگۈ تەم ،
قىلدى تىل ئاقىل ، نادانلارغا بېرىپ ئىدراكۇ پەم ،
تىل چېچىلغاننى يىغىپ قىلدى ھامان بىر يەرگە جەم ،
تىل بىمار ، ئاجىز - ئورۇققا ئەم - داۋا ، ئاچلارغا يەم ،
خاسىيەتلىك تىلتۇمار ، قالقان - سىپەر ئۇيغۇر تىلى.

يۈرۈكۈمگە كەلدى سۆزلەپ مۇشۇ تىلدا جان بوۋام ،
مەن ئىجاد ئەتتىم مۇشۇ تىلدا ، قىلىپ پەرۋاز داۋام ،
مۇشۇ تىلدا سايرىدى بۇلبۇل كەبى ھەقدار بالام ،
مۇشۇ تىل بەردى چىدام ، مەردلىك ، ۋاپادارلىق مۇدام ،
قان قېرىنداشلارغا رىشتە ، جان - جىگەر ئۇيغۇر تىلى.

سۇ بېرىپ ياشناتتى بىزنى ئانا تىل - ئالتۇن بۇلاق ،
ئۇ - چىراغ ، پەرۋانە بىز ، ھەرگىزمۇ كەتمەيمىز يىراق ،
ئانا تىل يىلتىز ، ئوزۇق ئالغۇچى بىز - نوتا - ئۇلاق ،
ئانا تىلدا دەرىس ئېلىپ ، تاپتۇق ئەقىل ، سەمرىپ قۇلاق ،
بىزگە پۈتمەس كان ، خەزىنە شام - سەھەر ئۇيغۇر تىلى.

قويدى تاڭ دۇنيانى شۇ تىلدا قىلىپ بۇلبۇل ناۋا ،
تاپتى شۇ تىلدا پۈتۈلگەن كۈي - غەزەل يۈكسەك باھا ،
ھەر تەرپتىن ياغدى ئالقىش ، «مىڭ ياشا!» دېگەن سادا ،
مۇشۇ تىل شۆھرەتكە نائىل ئەيلىدى ، سالدۇق ساما ،
ئىپتىخارغا پۈركىدى ئۇيغۇرنى زەر ئۇيغۇر تىلى .

شاھ مۇقامنى مۇشۇ تىلدا ئاڭلىدى ئەھلى جاھان ،
مۇشۇ تىل دىللارنى دىلغا ئۇلىغان رىشتە ھامان ،
مۇشۇ تىل بىرلە يۈسۈپ ، ھەزرەت نەۋائىي تاپتى شان ،
مۇشۇ تىلغا جان بېرىپ مەھمۇد بوۋام تۈزدى دىۋان ،
مەڭگۈ ئەڭگۈشتەر ، يېزىشتا شاھ ئەسەر ئۇيغۇر تىلى.

مۇشۇ تىل بىزگە جاھاندا تەڭدىشى يوق ، بىباھا ،
مۇشۇ تىل بىرلە بىلىپ يەتتۇق نېمە توغرا ، خاتا ،
مۇشۇ تىل مەڭگۈ قەدىردان ، مېھرى ئاتەش جان ئانا ،
مۇشۇ تىلنىڭ شۆھرىتىنى قىل ھىمات ، جاننى ئاتا ،
پىر بولۇپ بىزگە ئۆگـئەتتى كەسىپ - ھۈنەر ئۇيغۇر تىلى.

ئانا تىل قالغان ئانامنىڭ ئانىسىدىن يادىكار ،
ئانا تىلغا يۇغۇرۇلغان چىن غورۇر ۋە ئىپتىخار ،
ئانا تىلىنى ئاڭلىسام جۇتنى سېزەرمەن گۈلباھار ،
ئانا تىل بار - ئەلمۇ بار ، ھېكمەت ، مۇھەببەت ... ھەممە بار ،
بىزگە ئاش - ناندەك زۆرۈردۇر ، ھەمسەپەر ئۇيغۇر تىلى .

بولغۇسى قەدرىم پاخال - خەس ، بولمىسا گەر ئۆز تىلىم ،
ئۆز تىلىم بار ، ئاي ، قۇياشتەك تۇرىدۇ پارلاپ دىلىم ،
بارمۇ مەندەك باي جاھاندا ، ئۆتتى شاد ھەر ھاي ، يىلىم ،
ئۆز تىلىمدا بۇ ھايات دەرياسىدىن سۈزدۈم بىلىم ،
ماڭا ئۇستاز ، رەھنەما چىن ئىچ كۆيەر ، ئۇيغۇر تىلى .

خىسلىتى يازغانغا پۈتمەس ، تىل ھايات ، بىزمۇ ھايات ،
مۇشۇ تىل بەركاتىدىن تاپتۇق روناق ، ئەل يۇرت ئاۋات ،
كۈنسېرى ئۆرلەشكە بولدى مۇشۇ تىل تالماس قانات ،
مەن بۇڭا دىل بەرگىنىمچۈن ، ئارمىنىم بىخ ياردى شاد ،
ئۆتتى مەيلىمنى ، بېرىپ دىل ھۆددىگەر ئۇيغۇر تىلى.

تىزگىنىن چىڭ تۇت ۋاقىت تۇلپارنىڭ ، باش قاشلىما ،
بولسا بىل كۆپ تىل ، ئەقىل ، كۈچ تاپ ھامان ، يانپاشلىما ،
بۇ قۇرالدىن پايدىلان ياخشى ، كېيىن كۆز ياشلىما ،
شاھ بولۇپ كەتسەڭمۇ ، ئەمما ئۆز تىلىڭنى تاشلىما ،
قىلغىنى بىزنى مۇزەپپەر ، مۆتىۋەر ئۇيغۇر تىلى.

ھەر كىشى كۆپ زوق ئالار سۆز سۆزلىسە ئۆز تىلىدا،
شۇڭا مەن ئانا تىلىمغا قىلىمەن چىن ئىقتىدا ،
ئانا تىلسىز گال ، كېكەچ مەن ، بولىمەن جاندىن جۇدا ،
چىن يۈرەكتىن ئەيلىدى ئابدۇرېھىم مۇنداق نىدا :
سۈيىدە ئاق ، ئوتىدا كۆي ! دۇر - گۆھەر ئۇيغۇر تىلى !....

مەنبە: «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژورنىلى
تولۇق ئوقۇش

2008/10/01

ئانا تىلىم

ئاپتورى: قۇتلۇق ھاجى شەۋقى
ئانا تىل بىلگەن كىشىنىڭ ئىززىتىنى قىلغۇم كېلۇر،
ئانا تىلنى ئاغزىدىن ئالتۇن بېرىپ ئالغۇم كېلۇر،
بۇ ئانا تىل بۇلسا گەر ئامېرىكايۇ، ئافرىقىدا،
سەرپ ئېتىپ مىڭلارچە تىللار، ئاندا مەن بارغۇم كېلۇر.،
ئەي ئانا تىل بىزگە سەن ئۇتكەن ئۇلۇغلاردىن نىشان،

سەن بىلەن روھى زېمىندا ئىپتىخارلانغۇم كېلۇر. تولۇق ئوقۇش

2008/09/14

باشلىق كېلىدۇ

ئاپتورى: نامەلۇم

ﮬﻪﻣﻤﻪﭘﯘﻗﺮﺍ ﻳﯘﻳﯘﻧﯘﭖ ﺗﺎﺭﺍﻧﺴﯘﻥ ﺑﺎﺷﻠﯩﻖ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ،
ﺋﯘﺯﯗﻥﻛﯩﻴﯩﭗ ﺋﯘﺯ ﻳﺎﺳﺎﻧﺴﯘﻥ ﺑﺎﺷﻠﯩﻖ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ،
ﮬﻮﻳﻼﺋﺎﺭﺍﻡ ﺗﺎﺯﯨﻼﻧﺴﯘﻥ ﺑﺎﺷﻠﯩﻖ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ،
ﻳﻮﻝﻳﻮﻟﻼﺭﻏﺎ ﺳﯘ ﺳﯧﭙﯩﻠﺴﯘﻥ ﺑﺎﺷﻠﯩﻖ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ،
ﻟﻮﺯﯗﻧﻜﯩﻼﺭﭼﻮﯓ ﺋﯧﺴﯩﻠﺴﯘﻥ ﺑﺎﺷﻠﯩﻖ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ.
ﺗﺎﻡ ﺗﺎﻣﻼﺭﻏﺎ ﺷﯘﺋﺎﺭ ﺋﯧﺴﯩﭗ ﻳﻪﻣﻠﻪﭖ ﻗﻮﻳﯘﯕﻼﺭ،
ﻗﺎﺋﯩﺪﻩﯞﻩ ﺗﯜﺯﯛﻣﻠﻪﺭﻧﻰ ﭘﻪﻣﻠﻪﭖ ﻗﻮﻳﯘﯕﻼﺭ،
ﺳﯧﻠﯩﻘﻼﺭﻧﻰﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺗﻜﻪ ﺟﻪﻣﻠﻪﭖ ﻗﻮﻳﯘﯕﻼﺭ،
ﻧﺎﯞﺍﺕﺳﯧﻠﯩﭗ ﭼﺎﻳﻨﻰ ﺗﺎﺗﻠﯩﻖ ﺩﻩﻣﻠﻪﭖ ﻗﻮﻳﯘﯕﻼﺭ،
ﺑﻮﻏﺎﻟﺘﯩﺮﻣﯘﺷﺎﺵ ﻛﯚﺭﯛﻧﺴﯘﻥ ﺑﺎﺷﻠﯩﻖ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ.
ﺑﺎﺷﻠﯩﻖﻛﯧﻠﯩﭗ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﺪﯗ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﻳﯩﺮﺍﻗﻨﻰ،
ﺋﯧﻠﯩﯟﯦﺘﯩﯖﻼﺭﻳﻮﻝ ﻳﻮﻟﻼﺭﺩﯨﻦ ﺗﺎﻗﺎﻕ- ﺗﻮﺳﺎﻗﻨﻰ،
ﺟﯩﻤﻰ ﻳﻮﻟﺪﺍ ﺳﺎﻗﭽﻰ ﺗﯘﺭﺳﯘﻥ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﭼﻮﻣﺎﻗﻨﻰ،
ﺟﯩﻤﻰﺋﺎﯞﺍﻡ ﭼﯩﻘﺴﯘﻥ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﭼﺎﻟﺴﯘﻥ ﭼﺎﯞﺍﻛﻨﻰ،
ﻣﻮﻣﺎﻳﻼﺭﻣﯘﺋﻮﺳﻤﺎ ﻗﻮﻳﺴﯘﻥ ﺑﺎﺷﻠﯩﻖ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ.
ﺑﺎﺷﻠﯩﻖﻛﯧﻠﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﯜﭼﯩﻠﯩﻚ ﺗﻪﺯﻣﻪﻱ ﺗﯘﺭﯗﯕﻼﺭ،
ﭘﺎﺧﺘﯩﻼﺭﻧﻰﻛﯚﺭﯨﯟﺍﻟﺴﯘﻥ ﺗﻪﺭﻣﻪﻱ ﺗﯘﺭﯗﯕﻼﺭ،
ﺋﻪﺗﻜﻪﻥﭘﻮﻟﻮ -ﺷﻮﺭﭘﯩﻼﺭﻧﻰﻳﯩﻤﻪﻱ ﺗﯘﺭﯗﯕﻼﺭ،
ﺳﻪﻛﺮﺍﺗﻘﯩﻤﯘﭼﯜﺷﻜﻪﻧﻠﻪﺭ ﮬﻪﻡ ﺋﯚﻟﻤﻪﻱ ﺗﯘﺭﯗﯕﻼﺭ،
ﺗﻮﭘﺎﻗﻼﺭ ﮬﻪﻡ ﻣﯚﺭﯨﻤﯩﺴﯘﻥ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﺎﺷﻠﯩﻖ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ.
ﺋﻪﺳﻜﻰ- ﺗﯜﺳﻜﻰ ﻻﺯﯨﻤﻠﯩﻘﻼﺭ ﺟﺎﻳﻼﭖ ﻗﻮﻳﯘﻟﺴﯘﻥ،
ﻗﻮﺗﯘﺭﺋﯚﭼﻜﻪ ﮬﻪﻡ ﺋﯩﺸﻪﻛﻠﻪﺭ ﻣﺎﻳﻼﭖ ﻗﻮﻳﯘﻟﺴﯘﻥ،
ﺋﺎﺵﺗﺎﻏﯩﺮﻯ ﺗﯘﻣﺸﯘﻗﯩﻐﺎ ﻟﯩﻘﻼﭖ ﻗﻮﻳﯘﻟﺴﯘﻥ،
ﺋﯚﺗﻨﻪﻗﯩﻠﯩﭗ ﻣﺎﻝ ﭼﺎﺭﯞﯨﻼﺭ ﺟﯩﻘﻼﭖ ﻗﻮﻳﯘﻟﺴﯘﻥ،
ﺗﺎﺯﻻﺭﻣﯘﭼﺎﭺ ﻣﺎﻳﻼﭖ ﻳﯜﺭﺳﯘﻥ ﺑﺎﺷﻠﯩﻖ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ.
ﺑﺎﺷﻠﯩﻖﻛﯧﻠﯩﭗ ﻛﯚﺭﻩﺭ ﺋﯩﻤﯩﺶ ﻛﯧﯟﻩﺯ ﻗﻮﻧﺎﻗﻨﻰ،
ﺋﯧﺘﯩﺰﻻﺩﯨﻦﻳﻮﻗﯩﺘﯩﯖﻼﺭ ﮬﻪﻡ ﺋﻮﺕ ﺑﻮﺩﯨﻨﺎﻗﻨﻰ،
ﻗﻮﻧﺎﻗﻼﺭﻏﺎﺳﺎﻧﺠﯩﻖ ﺑﺎﻏﻼﭖ ﺋﺎﯞﯗﺗﯘﭖ ﺑﺎﺷﺎﻗﻨﻰ،
ﺑﺎﺭﺍﯕﻼﺭﻏﺎﻟﯩﻖ ﺋﯧﺴﯩﯖﻼﺭ ﻛﺎﯞﺍ -ﻗﺎﭘﺎﻗﻨﻰ،
ﺯﯨﺮﺍﺋﻪﺗﻤﯘﺋﻮﺧﺸﺎﭖ ﺗﯘﺭﺳﯘﻥ ﺑﺎﺷﻠﯩﻖ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ.
تولۇق ئوقۇش

2008/09/10

لى كۇينىڭ ئاسپىرانتلىققا ئىمتىھان بېرىشى

سىرتتا خىزمەت قىلىۋاتقان كادىر لۇ جىشېن خىزمىتىدىن مەلۇمات بېرىش ئۈچۈن لياڭشەنگە قايتىپ كېلىۋىدى، رۇەن ئاكا -ئۇكا ئۈچەيلەن سالامغا باردى. گەپ ئارىلىقىدا، رۇەن شياۋئېر:
ـــ لۇ ئاغا، ئۇقتىڭىزمىكىن، لى كۇي ئاسپىرانتلىققا ئىمتىھان بەرگۈدەك، ـــ دىدى.
لۇ جىشېن قاقاقلاپ كۈلۈپ:
ـــ ئۇ چوقۇم ساختا دىپلوم بىلەن سوڭ ئاغام ۋە باشقىلارنى ئالدىماقچى، بۇ نىمە دىگەن شەرمەندىلىك. مەن جەزمەن بۇ ئىشنى سۇڭ ئاغامغا مەلۇم قىلاي، لياڭشەن باتۇرلىرىنىڭ نامىنى بۇلغىمىسۇن يەنە، ـــ دېدى.
لۇ جېشىن سوڭ جياڭغا خىزمىتىدىن دوكلات بەرگەندە، دەرۋەقە لى كۇينىڭ ئىشىنى تىلغا ئالدى. سۇڭ جياڭ ئاڭلاپ كۈلۈپلا قويدى.
ۋۇ يوڭ :
ـــ لى كۇي ئىنىمىز بۇ ئىككى يىلدىن بېرى جىق ئالغا باستى. بولۇپمۇ ساۋات چىقىرىشتا. مەسىلەن، ئۇنىڭ ھۆججەتلەرگە سىزغان چەمبىرىكى ئىلگىرىكىدىن جىق يۇمۇلاقلىشىپ كەتتى. تېخى بىر قېتىم مەن ئۇنى سىركۇل بىلەن سىزدىمىكىن دەپ قالدىم. دىپلومغا كەلسەك، مىنىڭ بىلىشىمچە ھەممىسى راست، خەق نىمە دىمەيدۇ. ھەممىسى ئېغىزدىكى تۇترۇقسىز گەپلەر، ئىشەنچىلىك ئەمەس. لى كۇي ئىنىمىزنىڭ تىلى گال، ئىپادىلەش ئىقتىدارى تۆۋەن بولغاچقا، قوسىقىدىكى بىلىمنى دەرھال ئىپادىلەپ بېرەلمەيدۇ، ـــ دېدى.
گوڭسۇن شېڭ مۇنداق دېدى :
ـــ مەن ئىنتىزام تەكشۈرۈشتە ئىشلەيمەن، بۇ مەسىلىگە ئۇزاقتىن بېرى كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدىم. مەن سىزگە شۇنداق كاپالەت بېرىمەنكى، لياڭشەندە تاكى ھازىرغىچە بىر پارچىمۇ ساختا دىپلوم بايقالمىدى، دىپلوملارنىڭ ھەممىسى راست. جىشېن ئىنىم، سىز بەك كۆپ ئويلاپ كېتىپسىز.
سوڭ جياڭ كۈلۈپ تۇرۇپ:
ـــ جىشېن ئىنىم، مەن لى كۇيغا بىر ئاز يان باسىمەن، بۇنىسى راست. ئەمما سىز خاتىرجەم بولۇڭ. مەن ئۇنىڭ ساختا دىپلوم بىلەن بىزنى ئالدىشىغا، لياڭشەندىكى چوڭ ئىشلىرىمىزغا زىيان سېلىشىغا ھەرگىز يول قويمايمەن. ھازىر بازار ئىگىلىكى يولغا قويۇلىۋاتىدۇ، رىقابەت كەسكىن. شۇنداق ئىكەن، بۇنداق ساختا دىپلوم كۆتىرىۋالغانلار ئۆزىگە ئۆزى ئورا كولىغان بولمامدۇ؟ سىزمۇ تىرىشىڭ، لياڭشەندىكى 108 كادىرنىڭ كۆپىنچىسى دوكتۇر، ماگىستىر. شۇڭا باشقىسىنى دېمەيلا قوياي، مەن ئادەتتە يىغىن ئاچساممۇ بۇنىڭدىن بەكمۇ شەرەپ ھىس قىلىمەن، ـــــ دېدى.
لۇ جىشېن سوڭ جياڭنىڭ ئىشخانىسىدىن چىقىپ، ئويلىغانسىرى گاڭگىراپ قالدى. ئۇ ئۇدۇل لى كۇينى ئىزدەپ ماڭدى. لى كۇي بۇ چاغدا ئىشىكنى دۈملەپ، ھاراق ئىچكەچ ئىت پاچىقى يەۋاتاتتى. ئىشخانىدىن گۈپۈلدەپ ھاراق پۇرىقى پۇراپ كەتكەن ئىدى. ھەممە يەر قالايمىقان تاشلانغان گۆش ۋە ئۇستىخانلار بىلەن توشۇپ كەتكەن ئىدى. لېكىن بىرەر پارچىمۇ كىتاپ كۆرۈنمەيتتى. لى كۇي لۇ جىشېننى كۆرۈپ قولىدىكى پاچاقتىن بىر چىشلەم چىشلىۋېلىپ:
ــــ كۈتكەن رەقىبىم ئاخىرى كەلدى. كېلىڭ، قانغۇچە ئىچەيلى، كىم بالدۇر يىقىلسا شۇ ئىت بولسۇن! ــــ دېدى بوم ئاۋازدا.
لۇ جىشېن ئالدىراپ لى كۇينىڭ ئاسپىرانتلىققا ئىمتىھان بەرگەن ئىشىنى سورىدى. لى كۇي قاتتىق كۈلۈپ كېتىپ: ــــ ھەممىسى سوڭ ئاغامنىڭ مودا قوغلاشقانلىقىنىڭ كاساپىتى بولمامدۇ، زىيالىيلاشتۇرىمەن دەپ قانداق يول بىلەن ھەل قىلغان دىپلوم بولسۇن، زادىلا كارى بولمىدى، ئۇنداق قىلمىغانلارنى ئەمەلدار قىلمىدى، ئىش ئورنىدىن قالدۇرىۋەتتى. بۇ مەن تۆمۈر كالىنى تار يەردىن قىستىغانلىق ئەمەسمۇ؟ ئۆگىنىش؟ مېنىڭ كىتابقا قارىساملا بېشىم ئاغرىيدۇ. ھېلىمۇ ياخشى، ئوبدان بىر كاتىبىم بولۇپ قاپتۇ. مەن ئۈچۈن ھەممىنى شۇ قىلىدۇ. مېنىڭ ئورنۇمدا دەرسكە قاتنىشىدۇ، ئىمتىھان بېرىدۇ. بۇ سولتەك ئەلەمدە بولمىغىنى بىلەن بىلىمى خېلى چوڭقۇر. سوڭ ئاغام مېنى دەپ مەكتەبكە نۇرغۇن كۈمۈش سۈڭگۈتتى. ئاناڭنى، نىمە دېگەن ياخشى، بىر خەتمۇ تونۇمايدىغان تۆمۈر كالا ستۇدېنت بولۇپ قالدى. ھا...ھا... تېخى ئوقۇش پۇلىنى ھۆكۈمەت چىقىرىدۇ، ماڭا بىر تىيىنمۇ زىيان يوق، نىمە بولسا بولمامدۇ، ئىمتىھان بەرسەم بېرىمەن، بۇ قانچىلىك ئىشتى، لۇ ئاغا، سىزمۇ دىپلومدىن بىر قانچىنى ھەل قىلىۋالمامسىز؟ ھازىر دېگەن دىپلوم دەۋرى ئەمەسمۇ؟ بەك ئاسان، يەنە بىر تەرەپتىن سوڭ ئاغاممۇ خوش بولىدۇ، لياڭشەنگىمۇ شەرەپ، ــــ دېدى.
لۇ جىشېن قاتتىق ھەسرەت چەكتى. بۇ ئىشقا ۋۇ يوڭ، گوڭسۇن شېڭلارنىڭ دىپلومنىڭ راستلىقىغا قەسەم بېرىپ كاپالەت بەرگەنلىكىدىن ئاغرىنغىلى بولمىغىدەك. دەرۋەقە دىپلوم ھەقىقىكەن، پەقەت ئادەم ساختىكەن.
يى مىڭ ئىمزالىق بۇ فىليەتون ئەسلى «ياشلار پايدىلىنىش گېزىتى» نىڭ 2002-يىلى 25- دىكابىردىكى سانىغا بېسىلغان، «مىكرو ھىكايىلەردىن تاللانما» ژۇرنىلىنىڭ 2003-يىللىق 6- سانىغا كۆچۈرۈپ بېسىلغان.
سەلىمە يۈسۈپ تەرجىمىسى
(تەرجىمان: لۈكچۈن يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى باشقۇرۇش مۇلازىمەت پونكىتىدىن)
«تۇرپان» ژۇرنىلىنىڭ 2003- يىللىق 3- سانىدىن ئېلىندى.
تولۇق ئوقۇش

2008/09/05

ئىش ھەققىڭدىن تۇتىمەن

مۇھەممەتجان راشىدىن

ئىشتىن بالدۇر كېتىشسەڭ، ئىش ھەققىڭدىن تۇتىمەن،
قايسىڭ ئىشقا كېچىكسەڭ، ئىش ھەققىڭدىن تۇتىمەن.
كېچىكمەمسەن خىزمەتكە، يېتىۋەرسەڭ چىرمىشىپ،
بىر كارۋاتتا يېتىشساڭ، ئىش ھەققىڭدىن تۇتىمەن.
جان يېرى بار ئادەمنىڭ، ئوخشار ئاڭا مائاشمۇ،
ئۇندىن قۇسۇر تېپىشساڭ، ئىش ھەققىڭدىن تۇتىمەن.
بۇندىن ئۆزگە تەدبىرنىڭ، ئانىسىنى تۈمەنمىڭ...!
مېنىڭ بىلەن ئېيتىشساڭ، ئىش ھەققىڭدىن تۇتىمەن.
ئىنتىزامىڭ بولمىسا كۈندە كېسەل بولمامسەن،
بالنىستتا يېتىشساڭ، ئىش ھەققىڭدىن تۇتىمەن.
ئىدارىگە يولاتما، ئەمدى بالا-چاقاڭنى،
بۇندا بالا بېقىشساڭ، ئىش ھەققىڭدىن تۇتىمەن.
چىقىپ كەتسەڭ كىرمەيسەن خالا جايدىن بىر سائەت،
يىغىن ئاچسام قېچىشساڭ، ئىش ھەققىڭدىن تۇتىمەن.
قېشىڭدىكى ئوسمىنى قاچان قويدۇڭ، ئېيتمىدىڭ،
ئەمدى خېنە يېقىشساڭ، ئىش ھەققىڭدىن تۇتىمەن.
گەپنى ئوچۇق دەپ قوياي! مېنى كۆرسەڭ پىچىرلاپ،
قۇلىقىڭنى يېقىشساڭ، ئىش ھەققىڭدىن تۇتىمەن.
بارالايدۇ پېقىرمۇ، بارغان يەرگە ھەر قايسىڭ،
رەھبەرلىككە چېقىشساڭ، ئىش ھەققىڭدىن تۇتىمەن.
تولۇق ئوقۇش