خۇا لوگېڭ 1910-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى جياڭسۇ ئۆلكىسى جىنتەن (金坛) ناھىيىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇنىڭ دادىسى كىچىك چەرچىن مال دۇكىنى ئاچاتتى. ئائىلىسى نامرات ئىدى.1924-يىلى خۇا لوگېڭ تولۇقسىز ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، شاڭخەي جوڭخۇا كەسپى مەكتىۋى (上海中华职业学校) گە ئىمتىھان بېرىپ كىرگەن. ئوقۇشقا كىرىپ ئۇزۇن ئۆتمەي ئوقۇش خىراجىتى تاپشۇرالمىغىنى ئۈچۈن، ئوقۇشتىن مەھرۇم قېلىپ، دادىسىنىڭ كىچىك دۇكىنىغا ياردەملەشكەن ئىدى. ئۇ ماتېماتىكىنى ئىنتايىن قىزغىن سۆيگەنلىكى ئۈچۈن، پۇكەينىڭ بىر تەرىپىدە ھېساب دەپتىرى، چوتلارنى قويغان بولسا، يەنە بىر تەرىپىدە ماتېماتىكا كىتابىنى قويۇپ، بۇ سۆزلىيەلمەيدىغان ئوقۇتقۇچى ـــــ كىتابنى ئۆزىگە ئۇستاز تۇتۇپ ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرغان ئىدى. ئۇ ھەر كۈنى تەخمىنەن 10 سائەت ۋاقىتنى ماتېماتىكىنى تەتقىق قىلىشقا بېرەتتى. ئۇ كېچىچە ئۆگىنىپ، تاڭ ئاتارغا يېقىن ئۆگەنگەن ماتېماتىكىلىق قىيىن مەسىلىلەردىن خاتىرە يازاتتى.
خۇا لوگېڭ 19 يېشىدا بىر مەكتەپكە بېرىپ ياردەمچى بوغالتىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدۇ. ئۇ ئەينى زاماندىكى جاپا مۇشەققەتلىك تۇرمۇشىنى ئەسلەپ مۇنداق دېگەن: «مەكتەپتىكى ئېغىر لاۋازىمەتلىك ۋەزىپىسىدىن باشقا، ئەتىگىنى ئاخشىمى يەنە ئاتامنىڭ كىچىك دۇكىنىنىڭ ئىشلىرىغا ياردەم بېرىمەن، ھەر كۈنى ئاخشىمى تەخمىنەن سائەت 8 دە ئۆيگە قايتىمەن، دۇكاننىڭ ھېسابلىرىنى رەتلەپ بولۇپ، ئاندىن يېرىم كېچىگىچە ماتېماتىكىنى تەتقىق قىلىمەن».
1929-يىلى 12-ئايدا خۇا لوگېڭ شاڭخەي «ئىلىم پەن» ژورنىلىدا «Sturm تېئورىمىسى ھەققىدە تەتقىقات» (Sturm氏定理之研究) دېگەن تۇنجى ماقالىسىنى ئېلان قىلغان.
1930-يىلى 12-ئايدا خۇا لوگېڭ يەنە «ئىلم پەن» ژورنىلىنىڭ 15-توم 2-سانىدا «سۇ جياگو ئالگېبراسىدىكى 5-دەرىجىلىك تەڭلىمىلەرنى يېشىش ئۇسۇلىنىڭ قۇرۇلماسلىق سەۋەبى» دېگەن ماقالىسىنى ئېلان قىلدى. مۇشۇ ۋاقىتتا جىنتەندە يۇقۇملۇق كېزىك تارقالغان ئىدى. خۇا لوگېڭ بەختكە قارشى كېسەل بولۇپ قېلىپ، سول پۇت سۆڭىكىنىڭ شەكلى ئۆزگىرىپ مېيىپ بولۇپ قالدى. ئۇ كېسەللىك ۋە تۇرمۇشنىڭ قىيىنچىلىق ئازابى ئىچىدە ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىشنى بوشاشتۇرماستىن، يەنە بىر قانچە ماتېماتىكىلىق ماقالىنى ئېلان قىلدى. خۇا لوگېڭنىڭ بۇ تەسىرلىك ئىش پائالىيەتلىرى چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى ماتېماتىكا فاكۇلتىتىنىڭ مۇدىرى پروفېسسور شيۇڭ چىڭلەينىڭ دىققەت ئېتىبارىنى قوزغىغان ئىدى. 1931-يىلى كۈزدە شيۇڭ چىڭلەينىڭ تەكلىپ قىلىشى بىلەن خۇا لوگېڭ چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىغا كېلىپ كۈتۈپخانا باشقۇرغۇچىسى بولدى. ئۇ شۇنىڭدىن كېيىنكى 6 يېرىم يىلدا ئاسان قولغا كەلمىگەن بۇ پۇرسەتنى قەدىرلەپ، تولۇق ئوتتۇرا ۋە ئالىي مەكتەپنىڭ بارلىق دەرسلىكلىرىنى ئۆزلۈكىدىن ئوقۇپ تۈگەتتى. ئېنگىلىز، فرانسۇز ۋە گېرمان تىللىرىنى ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىپ، بۇ 3 تىلدا 10 نەچچە پارچە ماقالە ئېلان قىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە 5 پارچە ماقالىسى ئامېرىكا، گېرمانىيە، ياپونىيە، ھىندىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ نوپۇزلۇق ژورناللىرىدا ئېلان قىلىندى. ئۇ 1934-يىلى جوڭخۇا مەدەنىيەت مائارىپ فوندى جەمىيىتىنىڭ تەتقىقاتچىسى بولدى.
1935-يىلىدىن 1936-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا فرانسىيىلىك مەشھۇر ماتېماتىك J.Hadamart بىلەن ئامېرىكىلىق مەشھۇر ماتېماتىك N.Wiener چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىغا كېلىپ لېكسىيە سۆزلىدى. خۇا لوگېڭ ئۇلارنىڭ لېكسىيىسىدىن ناھايىتى زور نەپكە ئېرىشتى. N.Wiener خۇا لوگېڭغا ناھايىتى قايىل بولۇپ، ئۇنى كامبرىژ ئۇنىۋېرسىتېتى (University of Cambridge) دىكى مەشھۇر ماتېماتىك G.H.Hardy غا تونۇشتۇردى.
1936-يىلى يازدا ئاللىقاچان داڭلىق ماتېماتىكقا ئايلانغان خۇا لوگېڭ بىر زىيارەتچى ئوقۇغۇچى سالاھىيىتى بىلەن ئەنگىلىيە كامبرىژ ئۇنىۋېرسىتېتىغا بېرىپ ناھايىتى ئەھمىيەتلىك 2 يىلنى ئۆتكۈزدى. بۇ مەزگىلدە ئۇ نۇرغۇن ماقالە ئېلان قىلدى. بۇ ماقالىلارنىڭ كۆپىنچىسى «دۆۋىلەنگەن سانلار نەزىرىيىسى» (堆垒数论又称加性数论) مەسىلىلىرى ھەققىدىكى ماقالىلار ئىدى. (دۆۋىلەنگەن سانلار نەزىرىيىسىگە قىزىقسىڭىز http://www.google.com/ غا كىرىپ 堆垒数论 دەپ يېزىپ ئىزدەڭ). ئۇ يەنە گائۇس (Johann Carl Friedrich Gauss ) ئوتتۇرىغا قويغان تولۇق ترىگونومېترىيىلىك يىغىندىنى مۆلچەرلەش ھەققىدىكى تارىخى مەسىلىنى تەلتۆكۈس ھەل قىلىپ، پۈتۈن دۇنيانى زىل-زىلىگە كەلتۈرىۋەتتى. ئۇ يەنە ماترىتسالار گېئومېترىيىسى ۋە كۆپ ئارگۇمېنتلىق كومپلېكس ئۆزگەرگۈچى فۇنكىتسىيىلەر نەزىرىيىسىنى تەتقىق قىلدى.
ياپونغا قارشى ئۇرۇش پارتلىغاندىن كېيىن، ئۇ كۈچلۈك ۋەتەنپەرۋەرلىك قىزغىنلىقى بىلەن 1938-يىلى ۋەتەنگە قايتىپ، غەربىي جەنۇپ بىرلەشمە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفىسسورى بولدى. ئۇ مۇشۇ مەزگىلدە ناھايىتى جاپالىق شارائىتتا 600 مىڭ خەتلىك مەشھۇر ئەسىرى «تۈپ سانلار نەزىرىيىسى» نى يېزىپ چىقتى. ئۇ بۇ ئەسىرىنى دۆلەت ئىچىدە نەشر قىلدۇرۇشقا ئىمكانىيەت بولماي، سوۋېت ئىتتىپاقىدا رۇس تىلىدا نەشر قىلدۇردى.
1946-يىلى كۈزدە ئۇ ئامېرىكا پرىنسېتون(Princeton) ئالىي ئىنىستىتۇتى (美国普林斯顿高等研究院) نىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، ئامېرىكىغا بېرىپ تەتقىقات ۋە ئوقۇتۇش بىلەن شۇغۇللاندى. 2 يىلدىن كېيىن ئۇ ئىللىنوئىس ئۇنىۋېرسىتېتى (University of Illinois) نىڭ ئۆمۈرلۈك پروفىسسورلىقىغا تەكلىپ قىلىندى. بۇ مەزگىلدە ئامېرىكا ئۇنىڭغا 6 ئېغىز ئۆي، 4 نەپەر ياردەمچى، 1 نەپەر ماشىنىست بەرگەن ئىدى.
دۆلىتىمىز ئازات بولغاندىن كېيىن خۇا لوگېڭ ئامېرىكىدىكى باياشات تۇرمۇشتىن ۋاز كېچىپ، 1950-يىل 1-ئاينىڭ 27-كۈنى ۋەتەنگە قايتىپ كېلىدۇ، 3-ئاينىڭ 16-كۈنى بېيجىڭغا يېتىپ كېلىپ، چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفىسسورلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. ئۇ يېڭى جوڭگۇ قۇرۇلغاندىن كېيىن 1- بولۇپ ۋەتەنگە قايتقان دۇنياۋى داڭلىق ئالىم.
1956-يىلى ئۇنىڭ «تىپىك سەھەدىكى كۆپ ئارگۇمېنتلىق كومپلېكس ئۆزگەرگۈچى فۇنكىتسىيىلەر نەزىرىيىسى» (典型域上的多元复变数函数论) دېگەن ماقالىسى 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى. ئۇ جوڭگۇنىڭ «ئانالىتىك سانلار نەزىرىيىسى»، «تىپىك گۇرۇپپا نەزىرىيىسى»، «ماترىتسالىق گېئومېترىيە» قاتارلىق كۆپلىگەن ساھەلەردىكى تەتقىقاتىنىڭ ئاساس سالغۇچىسى. ئۇنىڭ «تۈپ سانلار نەزىرىيىسى»، «سانلار نەزىرىيىسىگە كىرىش»، «بىر تۇتاش پىلانلاش ئىلمى»، «ئەڭ ئۈنۈملۈكىنى تاللاش ئۇسۇلى» قاتارلىق مۇھىم ئەسەرلىرى بار.
خۇا لوگېڭ ئىلگىرى ئاخىر بولۇپ چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى ماتېماتىكا فاكۇلتېتىنىڭ مۇدىرى، جوڭگۇ پەنلەر ئاكادىمىيىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، جوڭگۇ پەن تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، جوڭگۇ ماتېماتىكا ئىلمىي جەمىيىتىنىڭ باشلىقى، دۆلەتلىك ئىلمىي ئۇنۋان كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، جوڭگۇ دېموكىراتىيە ئىتتىپاقى مەركىزى كومىتېتىنىڭ دائىمىي ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسى كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ دائىمىي ھەيئىتى قاتارلىق مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. ئۇ يەنە ئامېرىكا دۆلەتلىك پەنلەر ئاكادىمىيىسىنىڭ چەتئەللىك ئاكادىمىكى، 3-دۇنيا پەنلەر ئاكادىمىيىسىنىڭ ئاكادىمىكى، فىدىراتىپ گېرمانىيە باۋارىيە پەنلەر ئاكادىمىيىسىنىڭ ئاكادىمىكى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. 1979-يىلى ئۇ فرانسىيىنى زىيارەت قىلغاندا فرانسىيە نەنسى ئۇنىۋېرسىتېتى (南锡大学Université Nancy) ئۇنىڭغا «دوكتۇر» لۇق ئۇنۋانى بەرگەن.
خۇا لوگېڭ 1985-يىلى 6-ئايدا تەكلىپكە بىنائەن ياپونىيىگە لېكسىيە سۆزلەشكە بارغان، 6-ئاينىڭ 12-كۈنى تۇيۇقسىز يۈرەك كېسىلى قوزغىلىپ قېلىپ، 74 يېشىدا توكيودا ئالەمدىن ئۆتكەن.
خۇا لوگېڭ ئۆزى ئۆگىنىپ يېتىشىپ چىققان تىپىك ئۈلگىدۇر. ئۇ ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىش تەجىربىسىنى مۇنداق 7 نۇقتىغا يىغىنچاقلايدۇ:
1. ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىشتىكى ئەقەللىي بىر ماددا راستچىل بولۇشتۇر.
2. ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىشتە جىددىي پىلان بولۇشى كېرەك.
3. ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىشتە كۆپ ئويلاش، كۆپ مەشق قىلىش كېرەك.
4. ئۆلۈكىدىن ئۆگىنىشتىكى مۇشەققەتلىك قىيىنچىلىقلارنى ئۇزۇن مۇددەتكىچە يېڭىش ئىرادىسى بولۇشى كېرەك.
5. ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىشتە مۇھىم نۇقتىنى چىڭ تۇتۇپ، قىيىن نۇقتىنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، نۇقتىدىن دائىرىگە كېڭەيتىش كېرەك.
6. ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىشتە «نىمە ئۈچۈن؟» دېگەن سۇئالنى ئۈزمەستىن قويۇپ تۇرۇش كېرەك.
7. ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىشتە، ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىشنى ئەمەلىيەتتە ئۆز خىزمىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئېلىپ بېرىشى كېرەك.
پايدىلانغان مەنبە: «ئارخېمىدتىن ئەيلېرگىچە» ناملىق كىتاپ ----- ئاپتورى: بەختى ھېيت.
http://www.archives.ynu.edu.cn/ReadNews.asp?NewsID=717
http://hi.baidu.com/xtwqxx/blog/item/5a1675389805ae2296ddd80e.html
2 پارچە ئىنكاس بار:
Appenekathe
rw5g
CherieEnerm
Bbbd
ئىنكاس يېزىش