2008/08/14

QQ ئۇچۇرلىرىنى چەكلەش ئۇسۇلى

1. بەزىدە QQ دىكى مەلۇم بىر تورداشنىڭ قالايمىقان ئۇچۇر يوللىشى بىزنى بەكمۇ بىزار قىلىۋېتىدۇ، بۇنداق چاغدا ئۇ تورداشنىڭ نومۇرىنى مائۇس سول كۇنۇپكىسى بىلەن بېسىپ تۇرۇپ 黑名单 گە سۆرەپ كىرگۈزۈپ قويساق، ئۇ بىزنىڭ QQ رىمىزدىن بىراقلا يوقايدۇ. بىراق بەزى تورداشلارنىڭ قالايمىقان ئۇچۇر يوللىشى بىزنى بىزار قىلسىمۇ، ئەمما ئۇنى QQ رىمىزدىن چىقىرىۋېتىشنى خالىمايمىز. بۇنداق چاغدا ئۇنىڭ ئۇچۇرىنى چەكلىمەكچى بولساق، تۆۋەندىكى ئۇسۇلنى قوللانساق بولىدۇ:
ئاۋال شۇ تورداشنىڭ ئارخىۋىنى ئاچىمىز. 查看资料 دىن 备注/设置 نى چېكىپ، چىققان كۆزنەكتىن 不接受该好友发过来的任何信息 دىگەن خەتنىڭ ئالدىغا << توغرا>> بەلگىسىنى قويۇپ، ئاندىن تۆۋەن تەرەپتىكى 修改 دىگەن كۇنۇپكىنى باسساق يەنە بىر كىچىك رامكا چىقىدۇ. ئۇنىڭدىكى 确定 دىگەن كۇنۇپكىنى باسساقلا ئىش پۈتىدۇ.
2. QQ توپىدا مەلۇم بىر تورداشنىڭ قالايمىقان ئۇچۇرلىرى بىزنى بىزار قىلىۋەتكەن بولسا، بىز توپنىڭ باشقۇرغۇچىسى بولساققۇ، ئۇنى توپتىن قوغلاپ چىقىرىپلا بۇ باش ئاغرىقىدىن قۇتۇلىمىز. باشقۇرغۇچى بولمىساق قانداق قىلىمىز؟ بۇنىڭمۇ ئامالى بار. ئاۋال توپنىڭ پاراڭلىشىش كۆزنىكىنى ئاچىمىز. ئاندىن توپتىكى ئەزالار تىزىملىكى بار يەردىن ھېلىقى تورداشنىڭ نومۇرىنى (ياكى ئىسمىنى) تېپىپ، مائۇسنىڭ ئوڭ كۇنۇپكىسىنى باسساق، بىر تارتىلما تىزىملىك چىقىدۇ. بۇ تىزىملىكتىن 屏蔽此人发言 نى باسساقلا ئىش پۈتىدۇ.

3. ئەگەر QQ توپىنىڭ ئۇچۇرلىرىدىن بىزار بولغان بولسىڭىز، توپتىن چېكىنىپ چىقىپ كەتسىڭىز بولىدۇ. توپتىن چىقىپ كەتكىڭىز بولمىسا، لېكىن توپتىن كېلىۋاتقان ئۇچۇرلارنى چەكلىمەكچى بولسىڭىز، QQ群 دىگەن يەردىن ئۇچۇرلىرىنى چەكلىمەكچى بولغان توپنىڭ ئۈستىگە مائۇسنى ئېپكىلىپ، ئوڭ كۇنۇپكىسىنى چەكسىڭىز، بىر تارتىلما تىزىملىك چىقىدۇ. بۇ تىزىملىكتىن 群消息设置 نى تاللاپ، چىققان قوشۇمچە تىزىملىكتىن 屏蔽消息 نى تاللىسىڭىز بولىدۇ.

1 پارچە ئىنكاس بار:

匿名 说...

Appenekathe
aw5g