2009/02/05

كەسىر چېكىتىنىڭ پۈتۈن سان ئوردىسىنى قالايمىقان قىلىشى (2)

ئاپتورى: لى يۈپېي
تەرجىمان: رىشات ھەسەن
(باش قىسمىنى ئالدىنقى تېمىدىن ئوقۇڭ)
بۇ ئاۋاز چىقىشى بىلەن 39- سەكرەپ كىرىپ كەلدى. كەسىر چېكىتى «ۋىژ.....» ژىدە قىلىپ 3 بىلەن 9 نىڭ ئارىلىقىغا كىرىۋېلىۋىدى، 39- نىڭ گەۋدىسى دەرھال يۇقۇرىغا قاراپ بىرمۇنچە ئۇزىراپ 3.9- غا ئايلىنىپ قالدى.ـــــ مەن 39- نى 3.9- غا ئۆزگەرتتىم. مەنپى سانلارنىڭ مۇتلەق قىممىتى قانچىلىك كىچىك بولسا، ئۇلارنىڭ سانلىق قىممىتى شۇنچە چوڭ بولىدىغانلىقىغا ئاساسەن، مەن بىر ساننى چوڭايتىۋەتمىدىممۇ؟ مەن مۇسبەت پۈتۈن سانلارنى كىچىكلىتىپلا قالماستىن، مەنپى پۈتۈن سانلارنى چوڭايتالايمەن ــــ دېدى كەسىر چېكىتى.
ـــ بىر ئادەمنىڭ ئىككى خىللا ماھارىتى بولسا، ئۇنىڭ ماھارىتىنى ئۈستۈن، قالتىس دېگىلى بولمايدۇ. سېنىڭ يەنە قانداق ماھارەتلىرىڭ بار؟ ــــــ دەپ سورىدى 8.
ـــ مەن كامالەتكە يەتكەن ماھارىتىمنى تېخى كۆرسەتمىدىم، قاراپ تۇرغىن! ــــــ دېدى كەسىر چېكىتى بېشىنى لىڭشىتىپ قويۇپ، شۇنىڭدىن كېيىن كەسىر چېكىتى بىر سەكرىۋىدى، بىر چېكىت دەرھال ئىككى چېكىتكە ئايلاندى. بۇ چاغدا 4 سانى دۆلەت ئىشلىرىدىن مەلۇمات بېرىش ئۈچۈن ئوردىغا كىرىپ كەلدى، بۇنى كۆرگەن كەسىر چېكىتى «ھەجەپمۇ ياخشى كەلدىڭ» دېدى- دە، چېكىتلەرنىڭ بىرسى 4 نىڭ ئالدىدا تۇرىۋالدى، يەنە بىرسى 4 نىڭ بېشىغا سەكرەپ چىقىۋالدى. شۇنىڭ بىلەن 4 سانى گە ئۆزگىرىپ قالدى. بۇنىڭ بىلەن ئاجايىپ بىر ھادىسە يۈز بەردى، 4 سانى خۇددى ئەپسۇن ئوقۇغاندەك بىرسى ئىككى، ئىككىسى تۆت بولۇپ ئۆزگىرىپ رەتلىك بىر قاتار بولۇپ تىزىلدى ۋە 0.444444……… گە ئۆزگىرىپ ئوردىنىڭ سىرتىغىچە چىقىپ چەكسىز ئۇزۇنغا سوزۇلۇپ كەتتى.
بىر ئازدىن كېيىن كەسىر چېكىتى تىن ئاجراپ كېتىۋىدى، 4 يەنە ئەسلىگە كېلىپ قالدى.
ــــ پادىشاھ ئالىيلىرى، كەسىر چېكىتىنىڭ ھازىرلا كۆرسەتكەن ھىلىسىدىن قارىغاندا، بىزنىڭ بۇ ئەلدە پەقەت بىرلا سان كەسىر چېكىتىنىڭ ئەپسۇنىدىن قورقمايدىغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ كەسىر چېكىتىنى تۇتالايدىغانلىقىنى بايقاپ قالدىم ـــ دېدى 8 نۆل پادىشاھقا قاراپ.
ــــ ئۇ كىم؟ ــــ دەپ سورىدى0 پادىشاھ ئالدىغىراق ئىگىلىپ تۇرۇپ.
ـــ سىلى پادىشاھ ئالىيلىرى ــــ دەپ جاۋاپ بەردى 8.
ــــ مەن؟ مەن نىمىشكە كەسىر چېكىتىنىڭ ئەپسۇنىدىن قورقمايدىكەنمەن؟ ـــــ دەپ سورىدى پادىشاھ ھەيران بولغان قىياپەتتە.
ــــ كەسىر چېكىتى مۇسبەت پۈتۈن ساننىڭ ئالدىدا تۇرسا، مۇسبەت پۈتۈن سان كىچىكلەپ كېتىدىكەن؛ كەسىر چېكىتى مەنپى پۈتۈن سانلارنىڭ ئارىسىدا تۇرسا، مەنپى پۈتۈن سانلار چوڭىيىپ كېتىدىكەن. پەقەت مۇسبەت سانمۇ بولمىغان، مەنپى سانمۇ بولمىغان بىردىن بىرى سىلى 0 نىڭ ئالدىدا تۇرسا، ئۆزگىرىش بولمايدىكەن. چۈنكى 0.0 يەنىلا 0 گە تەڭ بولىدۇ- دە ــــ دەپ جاۋاپ بەردى 8.
ـــ كەسىر چېكىتى مېنىڭ بېشىمغا سەكرەپ چىقىۋالسا قانداق قىلىمەن؟ ــــ دەپ سورىدى 0 پادىشاھ ئۆزىنىڭ بېشىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ.
ـــ ئۇنىڭمۇ ھىچقانداق كارايىتى يوق، چۈنكى بولۇپ، نەتىجە يەنىلا 0 گە تەڭ. سىلى يەنىلا ئۆز پىتى قېلىۋېرىلا. ھىچقانداق زىيان- زەخمەت بولمايدۇ. كەسىر چېكىتى سىلىنىڭ ئۈستىلىرىدە ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرالمايدۇ. ئەگەر شەخسەن ئۆزلىرى ئۇنى تۇتقىلى چىقسىلا، جەزمەن نەتىجە قازىنالايدىلا ـــ دېدى 8.كەسىر چېكىتى بىر چەتتە تۇرۇپ، 0 پادىشاھنىڭ ئۆزىنى قولغا چۈشۈرەلەيدىغانلىقىنى ئاڭلاپ ئىنتايىن قورقۇپ كېتىپ، 8 نىڭ سۆزى تۈگىمەي تۇرۇپلا غىپلا قىلىپ پادىشاھنىڭ تەختىنىڭ ئاستىدىن قېچىپ كەتتى.

2 پارچە ئىنكاس بار:

kusan0996 说...

ئەسسلامۇ ئەلەيكۇم تارىم ئەپەندى بىلوگىڭىزنى ياخشى بېزىۋاپسىز سىز ئىشلىتىۋاتقان بۇ ئۇسلۇپ قايسى ئۇسلۇپ
شۇنداق چىرايلىق چىقىپتۇ
مەنمۇ بىلوگسىپوتىن بىر نى ئىلتىماس قىقىپ ئالغان بىراق تازا چىرايلىق چىقمىدى ئېوت نىمۇ تونتالمىدم
ماڭغا ياردەم بېرەلەسىزمۇ

تارىم 说...

بۇ تەكلىماكان بلوگى ئىشلىتىۋاتقان يېشىل دالا ئۇسلۇبى شۇ. بلوگ ئارقا سەھنىسىدىن ئۇسلۇپ تاللايدىغان يەرگە قارىسىڭىز بۇ ئۇسلۇپنىڭ ئېنگىلىزچىسىنى تاپالايسقز.