2009/02/01

كەسىر چېكىتىنىڭ پۈتۈن سان ئوردىسىنى قالايمىقان قىلىشى (1)

ئاپتورى: لى يۈپېي
تەرجىمان: رىشات ھەسەن
تاغنىڭ ئۇ تەرىپىدە پۈتۈن سان پادىشاھلىقى ھۆكۈم سۈرەتتى. بۇ پادىشاھلىقتا پادىشاھ، باش مىنىستىر، ۋە باش قوماندانلار بار ئىدى. ئۇنىڭ پادىشاھى سېمىزرەك 0 سانى، باش مىنىستىرى پاكار بويلۇق 1- ، قوماندانى ئورۇق ئىگىز بويلۇق 1 ئىدى.بۈگۈن يېڭى يىل، شۇنداقلا نۆل پادىشاھنىڭ 1981 ياشقا كىرگەن كۈنى ئىدى.

0 پادىشاھ قاچان تۇغۇلغان بولغىيدى؟ ئۇ مىلادىنىڭ 1-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى سائەت 0 دىن 0 مىنۇت 0 سېكۇنت ئۆتكەندە تۇغۇلغان. توي ئۈستىگە توي بولۇپ مەمۇرى ۋە ھەربى ئەمەلدارلارنىڭ ھەممىسى پادىشاھ ئوردىسىغا كېلىپ تەبرىكلەشتى.
ئوردىنىڭ ئىچى ۋە سىرتىغا رەڭگارەڭ چىراقلار ئېسىلغان بولۇپ، 0 پادىشاھنىڭ ئىگىز تەختىگە چىقىپ ئولتۇرغانلىقى كۆرۈنۈپ تۇراتتى. ئوردا دەرۋازىسىنىڭ سىرتىدا تەبرىكلەش قوشۇنلىرى ئىككى قاتار بولۇپ رەتلىك تىزىلغان ئىدى. بۇ قاتارلارنىڭ بىرى باش مىنىستىر 1- باشچىلىقىدىكى مەمۇرى ئەمەلدارلار بولۇپ، ئۇنىڭ ئارقىسىغا 2-، 3-، 4-، ....... لەر تىزىلغان ئىدى ۋە ئۇلارنىڭ بويلىرى بىرسىدىن بىرسى پاكار ئىدى. يەنە بىر قاتاردىكىلەر باش قوماندان 1 نىڭ باشچىلىقىدىقى ھەربى ئەمەلدارلار بولۇپ، ئۇنىڭ ئارقىسىغا 2، 3، 4، ....... لەر قاتار بولۇپ تىزىلغان ۋە ئۇلارنىڭ بويلىرى بىرسىدىن بىرسى ئىگىز ئىدى. بۇ ئىككى تەبرىكلەش قوشۇنى ناھايىتى ئۇزۇن سوزۇلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئاخىرىغا كۆز يەتكۈزگىلى بولمايتتى.
زەمبىرەكنىڭ 3 قېتىم ئېتىلىشى بىلەن تەبرىكلەش مۇراسىمى باشلاندى. 0 پادىشاھنىڭ تەختىنىڭ ئاستىدىن توساتتىن قاپقارا، دۈپ-دۈگىلەك بىر نىمە ئۆمىلەپ چىقتى. بۇنى كۆرگەن باش قوماندان دەرھال قىلىچىى چىقىرىپ يۈگۈرۈپ ئالدىغا كېلىپ:
ـــ بۇ مۇراسىمنى قالايمىقان قىلىشقا پېتىنغان قايسىڭ؟ ــــ دەپ ۋاقىرىدى.
ـــ نىمە بولدى، مېنىمۇ تونىماي قالدىلىمۇ؟ مەن نامى مەشھۇر (ئونلۇق) كەسىر چېكىتى بولىمەن ـــ دەپ سالماقلىق بىلەن جاۋاب بەردى ھېلىقى شۇمتەك.
ــــ سەن نىمە قىلغىلى كەلدىڭ؟ ــــ دەپ سورىدى باش قوماندان.
ـــ مەن تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتناشقىلى كەلدىم، مېنىمۇ تەبرىكلەش قوشۇنىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويغان بولسىڭىز، بۇ قىزىق تاماشىنى كۆرسەم دىۋىدىم ــــ دەپ جاۋاپ بەردى كەسىر چېكىتى.
باش قوماندان 1 كەسىر چېكىتىنىڭ تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتناشماقچى ئىكەنلىكىنى 0 پادىشاھقا خەۋەر قىلىپ ئۇنىڭدىن ئىجازەت سورىدى.
ـــــ سېنىمۇ بۇ قوشۇنغا ئورۇنلاشتۇرىمىزمۇ؟ ــــ دەپ سۆز باشلىدى 0 پادىشاھ، كەسىر چېكىتىگە مەڭسىتمىگەن ھالدا قاراپ قويۇپ ــــــ بۇ قانداق بولىدۇ؟ بىزنىڭ پۈتۈن سان پادىشاھلىقىمىز تەشكىلىنىڭ چىڭلىقى، قاتار تىزىلىشىنىڭ رەتلىكلىكى، تەرتىۋىنىڭ روشەنلىكى بىلەن دۇنيادا داڭ چىقارغان. قارىغىنا ئوردىنىڭ سىرتىدىكى بۇ ئۇزۇن سوزۇلغان تەبرىكلەش قوشۇنىدا، مەمۇرى ئەمەلدارلار باش مىنىستىر 1- دىن باشلىنىپ، كەينىدىكى ھەر بىر مەمۇرى ئەمەلدار ئۆزىنىڭ ئالدىدىكىسىدىن بىرسى كىچىك؛ ھەربى ئەمەلدارلار باش قوماندان 1 دىن باشلىنىپ، كەينىدىكى ھەر بىر ھەربى ئەمەلدار ئۆزىنىڭ ئالدىدىكىسىدىن بىرسى چوڭ. بۇ يەردە بىرمۇ بوش ئورۇن يوق، سېنى نەگە قويىمىز؟
ــــ ئادىل پادىشاھ! ـــ دەپ يالۋۇرۇشقا باشلىدى كەسىر چېكىتى ـــ قاراڭا مېنىڭ بېشىم كىچىككىنە تۇرسا، مېنى خالىغان بىر يەرگە تىقىپ قويسىڭىز بولىۋېرىدىغۇ!
ـــ بولمايدۇ! ــــ دېدى 0 پادىشاھ بېشىنى چايقاپ ــ سەن بۇ يەردىن تېزرەك كېتىپ قالغىن، بىزنىڭ تەبرىكلەش مۇراسىمىمىزنى كېچىكتۈرۈپ قويمىغىن.
0 پادىشاھنىڭ بۇ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن، كەسىر چېكىتىنىڭ چىرايى دەرھال ئۆزگىرىپ، ۋاقىراپ:
ــــ نىمە؟ چىرايلىق سۆزلەر بىلەن سىزگە مەسلىھەت سالسام ئۇنىمىدىڭىز، ئەمدى مېنى يۈز خاتىرە قىلمىدى دەپ ئاغرىنماڭ. ئەمدى مەن سىلەرنىڭ تەرتىۋىڭلارنى ئوڭتەي- توڭتەي قىلىۋېتىپ، سىلەرگە ئۆزۈمنىڭ كارامىتىنى كۆرسىتىپ قوياي ـــ دېدى.
0 پادىشاھ بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ دەرغەزەپكە كېلىپ، ئوردىنىڭ سىرتىغا قاراپ:
ــــ كىم ماڭا بۇ كەسىر چېكىتىنى تۇتۇپ بېرىدۇ ـــ دەپ ۋاقىرىدى. پادىشاھنىڭ سۆزى تۈگىشى بىلەن 5 سانى سىرتتىن سەكرەپ ئوردىغا كىرىپ قولىنى سوزۇپ كەسىر چېكىتىنى تۇتماقچى بولدى. بۇ چاغدا كەسىر چېكىتىنىڭ ئالدىرىماستىن 5 نىڭ ئالدىغا كېلىپ تايانغانلىقىلا كۆرۈنۈپ قالدى- دە، «ۋىژ....» قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭلا 5 دەرھال ئۆزىنىڭ ئوندىن بىرىچىلىك بولۇپ كىچىكلەپ 0.5 كە ئايلىنىپ قالدى.
0 پادىشاھ بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ، سىرتقا قاراپ:
ــــ چوڭراق بىرىڭلار كېلىپ، تېزدىن ماڭا ئۇنى تۇتۇپ بېرىڭلار ــــ دەپ ۋاقىرىدى.
سىرتتىن گۈس- گۈس قىلىپ گەۋدىلىك ۋە بوي تۇرقى تاغدىنمۇ ئىگىز بولغان بىرسى كىرىپ كەلدى، ئۇ 6600000 يەنى 6 مىليۇن 6 يۈزمىڭ ئىدى.
6600000 يۇقۇرى ئاۋازدا:
ــــ كەسىر چېكىتى، سەن نەگە قاچىسەن؟ ــــ دەپ ۋاقىرىدى- دە، يۈگرەپ كېلىپ كەسىر چېكىتىنى تۇتماقچى بولدى. (ئونلۇق) كەسىر چېكىتى بۇ چوڭ مەخلۇقنىڭ ئالدىدا ھىچقانداق تەپ تارتماستىن، كىچىككىنە كۆزلىرىنى ئوينىتىپ، يېڭى ھۈنەر كۆرسىتىشكە باشلىدى. ئۇنىڭ پادىشاھ تەختىگە سەكرەپ چىقىپ 0 پادىشاھنى تۇتۇپ 6600000 نىڭ ئالدىغا ئىتتىرگەنلىكى ۋە ئۆزىنىڭ پادىشاھنىڭ ئالدىدا تۇرىۋالغانلىقى كۆرۈندى- دە، «ۋىژ....» قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ زور گەۋدىلىك 6600000 دەرھال كىچىك ئورۇندۇقتىنمۇ پاكارلاپ 0.066 گە ئايلىنىپ قالدى.
ــــ كەسىر چېكىتىنى كىم تۇتالايدۇ؟ مەن ئۇنى بەگلىك مەرتىۋىسىگە ئۆستۈرىمەن! ــــ دەپ قاتتىق ۋاقىرىدى چىرايى ئۆزگەرگەن 0 پادىشاھ. بۇ چاغدا سىرتتىن ئالدىرىماي- تېنىمەي بوغما قاپاق سىياقىدىكى بىرسى كىرىپ كەلدى. ئۇ 8 ئىدى.
ـــــ پادىشاھ ئالىيلىرى ــ دەپ سۆز باشلىدى 8 نۆل پادىشاھقا باش قويۇپ سالام بەرگەندىن كېيىن ــــ مېنىڭچە كەسىر چېكىتىنى تۇتۇشتا كۈچ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ، بەلكى پەم ئىشلىتىشكىلا توغرا كېلىدۇ.
ــــ ئۇنداق بولسا سەن سىناپ كۆر ـــ دېدى 0 پادىشاھ ماقۇللىغاندەك بېشىنى لىڭشىتىپ تۇرۇپ.
ــــ ياخشى، ياخشى ــــ دەپ ئويلىدى بىر چەتتە تۇرۇپ بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ تۇرغان كەسىر چېكىتى ۋە خۇرسەن بولغان ھالدا ــــ مەن سېنىڭ مېنى قانداق پەم بىلەن تۇتۇشۇڭنى كۆرۈپ باققىم بار.
ــــ كەسىر چېكىتى ــــ دەپ سۆز باشلىدى 8، كەسىر چېكىتىگە قاراپ قولىنى قوشتۇرۇپ تۇرۇپ ــــ مەن ھېلىلا سىلىنىڭ ماھارەتلىرىنى كۆردۈم، ھەقىقەتەنمۇ ئاددىي ئىش ئەمەسكەن. لېكىن سىلى بىر ساننى كىچىكلىتىشنىلا بىلىدىكەنلا، 5 نى 0.5 كە، 6600000 نى 0.066 گە ئۆزگەرتىپ قويدىلا. بىلمىدىم جاناپلىرىنىڭ يەنە قانداق ماھارىتى باركىن؟
ـــ مېنى بىرەر ساننى كىچىكلىتىشنىلا بىلىدىكەنسەن دەۋاتامسەن؟ ـــ دېدى بۇ سۆزلەرنى ئاڭلىغان كەسىر چېكىتى كۈلۈمسىرەپ قويۇپ ـــ مەنپى ساندىن بىرنى چاقىرىپ كىرگىن.
(داۋامى بار)

0 پارچە ئىنكاس بار: