2008/09/05

ئىش ھەققىڭدىن تۇتىمەن

مۇھەممەتجان راشىدىن

ئىشتىن بالدۇر كېتىشسەڭ، ئىش ھەققىڭدىن تۇتىمەن،
قايسىڭ ئىشقا كېچىكسەڭ، ئىش ھەققىڭدىن تۇتىمەن.
كېچىكمەمسەن خىزمەتكە، يېتىۋەرسەڭ چىرمىشىپ،
بىر كارۋاتتا يېتىشساڭ، ئىش ھەققىڭدىن تۇتىمەن.
جان يېرى بار ئادەمنىڭ، ئوخشار ئاڭا مائاشمۇ،
ئۇندىن قۇسۇر تېپىشساڭ، ئىش ھەققىڭدىن تۇتىمەن.
بۇندىن ئۆزگە تەدبىرنىڭ، ئانىسىنى تۈمەنمىڭ...!
مېنىڭ بىلەن ئېيتىشساڭ، ئىش ھەققىڭدىن تۇتىمەن.
ئىنتىزامىڭ بولمىسا كۈندە كېسەل بولمامسەن،
بالنىستتا يېتىشساڭ، ئىش ھەققىڭدىن تۇتىمەن.
ئىدارىگە يولاتما، ئەمدى بالا-چاقاڭنى،
بۇندا بالا بېقىشساڭ، ئىش ھەققىڭدىن تۇتىمەن.
چىقىپ كەتسەڭ كىرمەيسەن خالا جايدىن بىر سائەت،
يىغىن ئاچسام قېچىشساڭ، ئىش ھەققىڭدىن تۇتىمەن.
قېشىڭدىكى ئوسمىنى قاچان قويدۇڭ، ئېيتمىدىڭ،
ئەمدى خېنە يېقىشساڭ، ئىش ھەققىڭدىن تۇتىمەن.
گەپنى ئوچۇق دەپ قوياي! مېنى كۆرسەڭ پىچىرلاپ،
قۇلىقىڭنى يېقىشساڭ، ئىش ھەققىڭدىن تۇتىمەن.
بارالايدۇ پېقىرمۇ، بارغان يەرگە ھەر قايسىڭ،
رەھبەرلىككە چېقىشساڭ، ئىش ھەققىڭدىن تۇتىمەن.

0 پارچە ئىنكاس بار: