2008/08/27

بىلىم ئىشقىدا

نىمشېھىت
جاھان رەنالىرى ئىچرە بىلمدەك بىر گۈزەل يار يوق،
بىلىمدىن ئۆزگە تۇتقان يار بولۇر ئۇ گاھىدا بار- يوق.
قارا قاشلىق تولۇن ئايلار ساڭا بىرنەچچە كۈن يولداش،
ئەگەر سەن پۇلدىن ئايرىلساڭ، سېنى تاشلايدۇ ھىچ ئار يوق.
كىرىپ كەينىگە نەپسىڭنىڭ بىلىمدىن ئۆزگە يار تۇتساڭ،
بېشىڭغا چۈشسە بىر كۈنلەر، ئۇ چاغدا سەن كەبى خار يوق.
قۇلاق سالساڭ مۇھەببەت ئەھلىنىڭ پەريادى ئاھىغا،
يۇتۇپ زەرداپ، پىراقتىن داد دېمەكتىن باشقىچە زار يوق.
تەپەككۈر ئەيلىسەڭ ئىشقى ئەسەرلەرنى ئوقۇپ ھەردەم،
قاراڭغۇ دەر يورۇق دۇنيانى ھەم ئالەم كەبى تار يوق.
يۈرۈپ مەنمۇ گۈزەل ئىزلەپ جاھالەتكە ئەسىر بولغان،
خالايىق ئالدىدا يۈرسەم، مېنىڭدەك بەلكى ئەغيار يوق.
پاراغەت ئىزلىسەڭ ئەسلا بىلىمدىن ئۆزگە يار تۇتما،
سېنىڭ قەدرىڭنى ساقلاشتا بىلىمدەك ياخشى ھەمكار يوق.
ھاياتلىقتا بىلىم قانداق كىشىنىڭ يولدىشى بولسا،
قايەرگە بارسا باش قاتماس، بىلىمدەك ئاڭا غەمخار يوق.
بىلىمسىز ساق تېنىڭ مەجرۇھ، ھەمىشە نالە-پەرياتتا،
جاھان ئىچرە بىلىمسىزنىڭ دىلىدەك ئەسكى بىمار يوق.
بىلىمگە ئاشىنا بولساڭ ئوقۇش ئىشقىدا بۇلبۇل بول،
ئۈگەنمەككە مائارىپ باغچىسىدەك ياخشى گۈلزار يوق.
جاھاننىڭ قايسى يوچۇق، پۇچمىقىغا باش تىقىپ ياتساڭ،
بىلىم تارتىپ چىقار مەيدانغا، ھىچ بىر كىمگە ئەخبار يوق.
بىلىم روھى ئوزۇق ئىنسان ھاياتىغا ئەگەر بىلسەڭ،
بىلىمنىڭ قەدرىنى بىلگۈچى ئۆلمەس، بۇڭا ئىنكار يوق.
چاپان ھۆرمەتلىرى ھىچ چاغ چاپاندىن ئايرىلىپ قالماس،
كېتەر پۇلدىن يىغىلغان ھۆرمىتىڭ پۇل بىرلە، ئەسرار يوق.
چاپان بىرلەن ئۆزۈڭنى پارقىراتساڭ بىر بوياقچىسەن،
بىلىم ئەسىرى بۈگۈن، سىرلىق چاپانلارغا خېرىدار يوق.
بۇلاردىن قولغا كەلگەن ئابروي جىننىڭ چۈشى ئوخشاش،
خىيالى بۇ تىلەكتە سەن كەبى باخشىغا جىندار يوق.
ئۈمىد قىلما پەلەك ھەرگىز سېنىڭ بەختىڭگە چۆرگۈلمەس،
بۈگۈن باي، ئەتە سەندەك ھىچ گاداي يوق، بەلكى قەرزدار يوق.
بىلىمدىن چەتتە كۆرگەن دۆلىتىڭ جاننىڭ جاپاسىدۇر،
جېنىغا جەۋرى قىلماققا بىلىمسىزدەك سىتەمكار يوق.
بىلىمدىن ھەممە ئىش رروياپقا چىققان بىر ئەسىردۇر بۇ،
بىلىش لازىمكى بۇ كۈندە بىلىمسىزلەرگە خۇشتار يوق.
بىلىمدىن باتىنىڭ نۇرلانمىسا، كۆڭلۈڭ قاراڭغۇ تۈن،
قۇياش نۇرىغا مۇنكىر شەپەرەڭلەرگە مەدەتكار يوق.
زىمىننى توپ قىلىپ ئويناشنى سەن چاقچاق، گۇمان قىلما،
ھەقىقەتتۇر بۈگۈن ھەر ئىش، كەمەكتەك جادۇ-ھەييار يوق.
ئەجەپلەنمە بىلىم نۇرىدا نۇرلانسا كىشى كۆڭلى،
ئۇنىڭغا كۆكتە، سۇدا، تاغ، دېڭىزدا يۈرسە دىشۋار يوق.
بىلىملىك تاغنى باغ ئەيلەشتە ھىچقانچە جاپا كۆرمەس،
بىلىمسىز قان يۇتار، نادان كىشىلەردەك جاپاكار يوق.
ئۆزۈڭنى نىمشېھىت ئۇشبۇ پىكىرگە ئەيلىگىن قۇربان،
بىلىمدىن رىشتە ئۈزگەنلەر كەبى قاتتىق گۇناكار يوق.
1936-يى
ل
مەنبە: تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئەدەبىيات دەرسلىكى

0 پارچە ئىنكاس بار: