2008/11/06

ئۇيغۇر تىلى

ئاپتورى: ئابدۇرېھىم زۇنۇن

بىل شۇنى ، ئۇيغۇر ئۈچۈن پۈتمەس گۆھەر ئۇيغۇر تىلى ،
مەڭگۈ پاتماس زەر قۇياش ، نۇرلۇق قەمەر ئۇيغۇر تىلى ،
بىپايان تىل كۆكىدە چولپان ، ئۈكەر ئۇيغۇر تىلى ،
مەنىلەرگە باي ، تېرەندۇر شۇ قەدەر ئۇيغۇر تىلى ،
بولدى تارىختىن بېرى بىزگە پەدەر ئۇيغۇر تىلى .

ئانا تىل ھەردەم قوۋۇم - مىللەت ئۈچۈن روھ تۈۋرۈكى ،
ئانا تىل پەن - مەرىپەت ئالماشتۇرۇشنىڭ كۆۋرۈكى ،
ئانا تىل چوڭ-كىچىكنىڭ يۈرىكى ، تاغ يۆلىكى ،
ئانا تىل ۋاستە - قۇرال ئالاقىدە قەلىب ئەينىكى ،
بىزنى قۇچتۇرغان جىمى ئىشتا زەپەر ئۇيغۇر تىلى.

پەنگە ئاشىق - بىقارار قىلدى مېنى دىلبەر تىلىم ،
تارتتى رايىمنى ئۆزىگە ھەرقاچان ئەنبەر تىلىم ،
ئەلگە دىل رىشتىمنى چاتتى بال - شېكەر ، كەۋسەر تىلىم ،
بولدى ئەل دۈشمەنلىرگە تىغ - تەبەر ، نەشتەر تىلىم ،
ھەممىمىزنى قىلدى دائىم بەھرىۋەر ئۇيغۇر تىلى .

«ئا» بىلەن كىردى ئېغىزغا ، تىل - زۇۋانغا مەڭگۈ تەم ،
قىلدى تىل ئاقىل ، نادانلارغا بېرىپ ئىدراكۇ پەم ،
تىل چېچىلغاننى يىغىپ قىلدى ھامان بىر يەرگە جەم ،
تىل بىمار ، ئاجىز - ئورۇققا ئەم - داۋا ، ئاچلارغا يەم ،
خاسىيەتلىك تىلتۇمار ، قالقان - سىپەر ئۇيغۇر تىلى.

يۈرۈكۈمگە كەلدى سۆزلەپ مۇشۇ تىلدا جان بوۋام ،
مەن ئىجاد ئەتتىم مۇشۇ تىلدا ، قىلىپ پەرۋاز داۋام ،
مۇشۇ تىلدا سايرىدى بۇلبۇل كەبى ھەقدار بالام ،
مۇشۇ تىل بەردى چىدام ، مەردلىك ، ۋاپادارلىق مۇدام ،
قان قېرىنداشلارغا رىشتە ، جان - جىگەر ئۇيغۇر تىلى.

سۇ بېرىپ ياشناتتى بىزنى ئانا تىل - ئالتۇن بۇلاق ،
ئۇ - چىراغ ، پەرۋانە بىز ، ھەرگىزمۇ كەتمەيمىز يىراق ،
ئانا تىل يىلتىز ، ئوزۇق ئالغۇچى بىز - نوتا - ئۇلاق ،
ئانا تىلدا دەرىس ئېلىپ ، تاپتۇق ئەقىل ، سەمرىپ قۇلاق ،
بىزگە پۈتمەس كان ، خەزىنە شام - سەھەر ئۇيغۇر تىلى.

قويدى تاڭ دۇنيانى شۇ تىلدا قىلىپ بۇلبۇل ناۋا ،
تاپتى شۇ تىلدا پۈتۈلگەن كۈي - غەزەل يۈكسەك باھا ،
ھەر تەرپتىن ياغدى ئالقىش ، «مىڭ ياشا!» دېگەن سادا ،
مۇشۇ تىل شۆھرەتكە نائىل ئەيلىدى ، سالدۇق ساما ،
ئىپتىخارغا پۈركىدى ئۇيغۇرنى زەر ئۇيغۇر تىلى .

شاھ مۇقامنى مۇشۇ تىلدا ئاڭلىدى ئەھلى جاھان ،
مۇشۇ تىل دىللارنى دىلغا ئۇلىغان رىشتە ھامان ،
مۇشۇ تىل بىرلە يۈسۈپ ، ھەزرەت نەۋائىي تاپتى شان ،
مۇشۇ تىلغا جان بېرىپ مەھمۇد بوۋام تۈزدى دىۋان ،
مەڭگۈ ئەڭگۈشتەر ، يېزىشتا شاھ ئەسەر ئۇيغۇر تىلى.

مۇشۇ تىل بىزگە جاھاندا تەڭدىشى يوق ، بىباھا ،
مۇشۇ تىل بىرلە بىلىپ يەتتۇق نېمە توغرا ، خاتا ،
مۇشۇ تىل مەڭگۈ قەدىردان ، مېھرى ئاتەش جان ئانا ،
مۇشۇ تىلنىڭ شۆھرىتىنى قىل ھىمات ، جاننى ئاتا ،
پىر بولۇپ بىزگە ئۆگـئەتتى كەسىپ - ھۈنەر ئۇيغۇر تىلى.

ئانا تىل قالغان ئانامنىڭ ئانىسىدىن يادىكار ،
ئانا تىلغا يۇغۇرۇلغان چىن غورۇر ۋە ئىپتىخار ،
ئانا تىلىنى ئاڭلىسام جۇتنى سېزەرمەن گۈلباھار ،
ئانا تىل بار - ئەلمۇ بار ، ھېكمەت ، مۇھەببەت ... ھەممە بار ،
بىزگە ئاش - ناندەك زۆرۈردۇر ، ھەمسەپەر ئۇيغۇر تىلى .

بولغۇسى قەدرىم پاخال - خەس ، بولمىسا گەر ئۆز تىلىم ،
ئۆز تىلىم بار ، ئاي ، قۇياشتەك تۇرىدۇ پارلاپ دىلىم ،
بارمۇ مەندەك باي جاھاندا ، ئۆتتى شاد ھەر ھاي ، يىلىم ،
ئۆز تىلىمدا بۇ ھايات دەرياسىدىن سۈزدۈم بىلىم ،
ماڭا ئۇستاز ، رەھنەما چىن ئىچ كۆيەر ، ئۇيغۇر تىلى .

خىسلىتى يازغانغا پۈتمەس ، تىل ھايات ، بىزمۇ ھايات ،
مۇشۇ تىل بەركاتىدىن تاپتۇق روناق ، ئەل يۇرت ئاۋات ،
كۈنسېرى ئۆرلەشكە بولدى مۇشۇ تىل تالماس قانات ،
مەن بۇڭا دىل بەرگىنىمچۈن ، ئارمىنىم بىخ ياردى شاد ،
ئۆتتى مەيلىمنى ، بېرىپ دىل ھۆددىگەر ئۇيغۇر تىلى.

تىزگىنىن چىڭ تۇت ۋاقىت تۇلپارنىڭ ، باش قاشلىما ،
بولسا بىل كۆپ تىل ، ئەقىل ، كۈچ تاپ ھامان ، يانپاشلىما ،
بۇ قۇرالدىن پايدىلان ياخشى ، كېيىن كۆز ياشلىما ،
شاھ بولۇپ كەتسەڭمۇ ، ئەمما ئۆز تىلىڭنى تاشلىما ،
قىلغىنى بىزنى مۇزەپپەر ، مۆتىۋەر ئۇيغۇر تىلى.

ھەر كىشى كۆپ زوق ئالار سۆز سۆزلىسە ئۆز تىلىدا،
شۇڭا مەن ئانا تىلىمغا قىلىمەن چىن ئىقتىدا ،
ئانا تىلسىز گال ، كېكەچ مەن ، بولىمەن جاندىن جۇدا ،
چىن يۈرەكتىن ئەيلىدى ئابدۇرېھىم مۇنداق نىدا :
سۈيىدە ئاق ، ئوتىدا كۆي ! دۇر - گۆھەر ئۇيغۇر تىلى !....

مەنبە: «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژورنىلى

1 پارچە ئىنكاس بار:

دولقۇن 731 说...

ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم ،بىلوگ*سپوتتىن بىلوگ پۈتتۈرگەنكلىكىڭىزنى تەبرىكلەيمەن!
مېنڭمۇ بىلوگ*سپوت"تىدىن ياسالغان بلوگ ،ئۆز-ئارا يار دەملىشىپ ئۆتەيلى !